ئادەتتە قىش پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرىلايدىغان بولغاچقا، ئۇرۇق ساقلاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1. ئۇرۇق ساقلىنىدىغان ئىسكىلاتنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولماسلىق: ئىسكىلاتنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولسا، ئۇرۇقنىڭ نەپەسلىنىشى تېزلىشىپ، ئوزۇقلۇق سەرپىياتى ئېشىپ، بىخلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئۇرۇق ساقلىنىدىغان ئىسكىلاتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى℃10 ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك.
2. بۇلغىنىشتىن ساقلاش: ئۇرۇقنى ساقلىغاندا ئارىلىشىپ قالغان شاكال، يوپۇرماق، قۇم، توپا قاتارلىقلارنى پاكىز ئىلغىۋېتىش ھەمدە ساقلايدىغان ئۆينى پاكلاش (دېزىنفېكسىيەلەش) ئارقىلىق، ساقلاش جەريانىدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. كۆكىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئۇرۇقنىڭ سۇ تەركىبىنى تىزگىنلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقىنىڭ سۇ تەركىبى %13~%12، ياغلىقدان زىرائەتلىرى ئۇرۇقىنىڭ سۇ تەركىبى %9~%8 بولسا مۇۋاپىق. ئەگەر سۇ تەركىبى بەك يۇقىرى بولسا، ئاسانلا كۆكىرىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ يەر ياڭىقى (خاسىڭ)، كانىپۇرچاق (دادۇر)، كۆممىقوناق قاتارلىق ياغ ۋە كىراخمال تەركىبى يۇقىرى زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ساقلاشتا تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.