ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ، توردا مەكتەپ يۆتكىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلارنىڭ 10-چېسلادىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ئۆلكە ئاتلاپ مەكتەپ يۆتكىلىش قاتارلىق كۈندىلىك كەسىپ مۇلازىمىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشىنى، ئۆلكە ئىچىدە مەكتەپ يۆتكەلسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىش بېجىرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئوقۇغۇچى مەكتەپ يۆتكىلىشتە يۆتكىلىپ بارىدىغان مەكتەپكە ئىلتىماس تاپشۇرغاندىن باشقا جەريانلارنىڭ ھەممىسى توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا قولايلىق يارىتىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسى تاماملىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرىپتۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ يادرولۇق سانلىق مەلۇماتىنى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ كىملىك باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارغا مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى تارقىتىدىكەن.