كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى

0 2014-01-09 12:56:22   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى

مىكروسوفت Windows 8.1 نى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى يېقىندا ئاشكارىلاندى .ئىگلىنىشچە يېڭى سېستىمىنىڭ ۋاكالەت ئىسمى Threshold بولۇپ ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرمەكچى .

ئىگلىنىشچە مىكروسوفتنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Terry Myerson مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى بىر پارچە ئىچكى پوچتا يوللانمىسىدا Threshold دېگەن ۋاكالەت ئىسمىنى تىلغا ئالغان ، ئىگلىنىشچە بۇ بىر يۇلتۇزنىڭ ئسمىدىن كەلگەن .

پىلانغا ئاساسلانغاندا ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرۈلۈپ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكچى ، بۇنىڭ بۇ ئۈچ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ھەمبەھرلىشىگە ياردىمى بار . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىكروسوفت كۆپ خىل سېستىمىغا بىرلىككە كەلگەن بىر دېتال دۇكىنى قۇرۇپ ، بۇ ئۈچ چوڭ سېستىمىنىڭ ئېچىش قورالىنى تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە قىلماقچى ، ئەگەر تەتقىقات ئوڭۇشلۇق بولسا 2015-يىلى باھاردا سىرتقا قارىتا ئېلان قىلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا مىكروسوفت Threshold ئارقىلىق سېستىما ھالقىپ ئوخشاش يادروغا ئىگە

«يۇقىرى قىممەتلىك پائالىيەت»لەرنى قوللىماقچى . ئاتالمىش «يۇقىرى قىممەتلىك پائالىيەت»expression/documents ، سىياسەت ۋە ۋەزىپە تاماملاش ، IT باشقۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

Threshold يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مىكروسوفت كېلەر يىلى باھاردىن يازغىچە Windows 8.1 ۋە Windows Phone Blueنىڭ يېڭىلانمىسىنى ئېلان قىلماقچى . Threshold قا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەۋەرلەرگە نىسبەتەن مىكروسوفت ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر