نەچچە كۈندىن بۇيان، ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى يۈز يىلدا بىر قېتىم ئۇچرايدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا ئۇچرىغان بولۇپ، زىيادە كۆپ توك ئىشلىتىش كەڭ كۆلەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ سەۋەبتىن، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى 7-يانۋار مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركىتىنى جازالاشنى قارار قىلغان بولۇپ، جازالاش مەزمۇنى ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئابونىتلاردىن قۇرۇلۇش مەبلەغ فوندى يىغىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئارقىلىق جازالاش قارارىنى ئېلان قىلغان. ئارگېنتىنانىڭ باش كابىنېت مىنىستىرى كاپىتانىچنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دېيىشىچە، يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش توك توختاش ۋەقەلىرى ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سىغىمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئىجرا قىلىش تەرەپلەردىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن، ھۆكۈمەت مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ بىر تۈرلۈك فوندنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تېزلىكتە ئېلېكتر -ئېنېرگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرىنى قوزغىتىدىكەن.
ھەريىلى ياز پەسلىدە، ئارگېنتىنا پايتەختىدە تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى توك توختاش مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدىكەن. 2012-يىلى ئارگېنتىنا ئېلېكتر -ئېنېرگىيىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ توك تەقسىملەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قارار ماقۇللاپ، شىمال ۋە جەنۇب قاتارلىق ئىككى چوڭ ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئابونىتلىرىدىن بەلگىلىك نىسبەتتىكى ھەق يىغىپ مەخسۇس توك تەقسىملەش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە يېڭى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىشىنى تەستىقلىغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنگىچە، جەنۇب ۋە شىمال ئىككى چوڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئابونىتلىرىدىن يىغقان قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ھاۋالە فوندى سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 161 مىليون پېسو( تەخمىنەن 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە 54 مىليون پېسو ( تەخمىنەن 8 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) بولغان. ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مەبلەغ جايىدا ئىشلىتىلگەن بولسا، ھازىرقى توك ئىشلىتىش جىددىيلىكىدە ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىنىش بولىدىكەن.
ئۆتكەن نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئارگېنتىنا پايتەختىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى توك بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلاردا سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتى ئۈچ ھەپتىگە يەتكەن. بىرقىسىم رايونلاردا تېخى ئاھالىلەرنىڭ شام ئىشلىتىشى تۈپەيلىدىن ئوت ھادىسىلىرى يۈز بېرىش ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. خەلقنىڭ توك توختاش سەۋەبىدىن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىغا قارىتا، ئارگېنتىنا پايتەختى تېخى يېقىندىلا « جىددىي ھالەت» كە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىپ نۆۋەتتىكى توك بىلەن تەمىنلەش كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى پايتەختتە كەڭ كۆلەمدە، ئۇزۇن مەزگىل توك توختاش ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركىتىگە دۆڭگەپ قويغان. تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توك باھاسىنى توڭلىتىپ، ئوتتۇرا –تۆۋەن قاتلامدىكى خەلققە باھا تولۇقلىمىسى يولغا قويۇپ، ئېلېكتر -ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرىلىتىۋەتكەن بولغاچقا، مەبلەغ يېتىشمەسلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا توك بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا بېرىپ تاقىلىدىكەن.