ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە كوتىدىۋا، موزامبىك، ئېفوفىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ سەككىز يىلدىن بۇيان، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا ئابىشىنزۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا جىبۇتىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن 2-قېتىم ئافرىقا ئەللىرىدە زىيارەتتە بولۇشى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئابىشىنزۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ مول تەبىئىي بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، تېز ئېشىۋاتقان بازىرىنى ئىگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە كىرىش قاتارلىق سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى.