جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.7 ئاشتى

02014-01-09 11:37:53   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن 2012-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن سانىنىڭ 51 ترلىيون 947 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دەسلەپكى قەدەم تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ساندىن 52 مىليارد 800 مىليون يۈەن، %7.7 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابلاش تەرتىپىگە ئاساسەن، يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ھېسابلاش دەسلەپكى ھېسابلاش، دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئاخىرىقى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن مەقسەت دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كېيىن، يەنە بەزىبىر يېڭى ئاساسىي ماتېرىياللار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى مالىيە نەق چوت ماتېرىيالى ۋە قىسمەن كەسىپلەرنىڭ يىللىق مالىيە ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر