تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ئوتتۇرا سوتى بىر قىممەتلىك مېتال بويۇملىرىنى ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچقان. جۋاپكار چېن 2900گرام ئالتۇننى چېگرىدىن قانۇنسىز ئېلىپ چىققان بولۇپ، قىمەتلىك مېتال بويۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش قىلىشى جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك2يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش ۋە جازانى 2يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 100مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكۈزگەن ئالتۇنلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. ئىگلىنىشچە، بۇ دېلو شاڭخەيدىكى تۇنجى قىمەتلىك مېتال بويۇملار ئەتكەسچىلىك دېلوسى ئىكەن.
تەپتىش تارماقلىرىنىڭ ئەيىپنامىسىگە ئاساسلانغاندا، چېن 1979يىلى تەيۋەندە تۇغۇلغان، ئاۋستىرالىيە فېدېراتسىيەسى نوپۇس تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەن، دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم سودا باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ئىكەن. 2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جاۋاپكار چېن شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايردرۇمىدا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتىسيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تەيۋەنگە قايىتماقچى بولغان. ئۇ چېگىردىن چىقىشتىن بۇرۇن تاموژنىغا ھېچقانداق بويۇم توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى سۇنمىغانىكەن، كېيىن خادىملار ئۇنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرگەندە 2900گرام ئالتۇن بايقالغان.
تەپتىش خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، چېن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىغان، ئۇ تاموژنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قېچىپ ئەتكەس ئالتۇننى چېگرىدىن ئېلىپ چىققان. ئەھۋال ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ ئەمما يەنىلا قىممەتلىك مېتال بويۇملارنى ئەتكەس قىلغان مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن. سوتتا جاۋاپكار چېن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىپلىشى ۋە جىنايى قىلمىشىنى بېكىتىشىگە قارىتا ھېچقانداق باشقىچە پىكىردە بولمىغان. چېن ئۇ ئالتۇنلارنى 2012 - يىلى چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە دوست ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ سوۋغا قىلغانلىقىنى، ئەينى چاغدا مومىسى ئاغرىپ قېلىپ، ئالدىراشلا تەيۋەنگە قايىتقانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرى ئېنىق بولمىغاچقا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئالتۇننى نېمىشقا چېگرىدىن ئېلىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، چېن جاۋاپ بەرمىگەن. چېن يەنە مەن قەستەن ئېلىپ چىققان نەرسىلىرىمنى يۇشۇرمۇدۇم، نەرسىلەر تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن ئىكەنلىكىنى ئاكىتىپلىق بىلەن ئېتراپ قىلدىم، مېنىڭ باشقىچە نىيىتىم يوق، مەن ھازىر ناھايىتى پۇشايمان قىلدىم ۋە ئۆكۈندىم، ھەرقانداق قانۇنى مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن دېگەن.
بىرلەشمە سوتتىكى سوتچىلارنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار چېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ تاموژنا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، تاموژنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قاچقان، ئېلىمىزنىڭ تاموژنا تاماقلىرىغا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلماي تۇرۇپ 2900 گرام ئالتۇننى چېگرىدىن ئېلىپ چىققان. «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 151 ماددا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ قىلمىشى قىممەتلىك مېتال بويۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئۇنىڭ قىلمىشى بىر قەدەر يەڭگىل بولغاچقا، مۇددەتلىك بەش يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، جەرىمانە قويۇلدىكەن. چېن رازۋىتكا تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاكىتىپ ماسلاشقانلىقى ۋە جىنايىتىنى تولۇق تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى دېلو ئەمەلىيىتى، دېلونىڭ خارەكتېرى ۋە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭ جەرىمانە قويۇش دېگەندەك يېنىك جازا بېرىشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت نەق مەيدانىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. سوت ھۆكۈمى چىقرىلغاندىن كېيىن چېن نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان.