ئاسپىرانتلىق مائارىپى ھەقسىز بولۇش بىكار قىلىندى

0 2014-01-08 11:51:50   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى

يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم يېڭى سىياسەت- بەلگىلىمىلەر رەسمىي ئېلان قىلىندى ۋە يولغا قويۇلدى. بۇ سىياسەت- بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ 

4-يانۋار مەملىكىتىمىزدىكى نەچچە مىليون كىشى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم ئىمتىھاننى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ-- ئىلگىرىكى، ئاسپىرانتلىق مائارىپى ھەقسىز بولۇشنىڭ كەلمەسكە كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن، ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن يىلىغا ئېلىنىدىغان ھەق 8 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ، دوكتۇر ئاسپىرانتلاردىن يىلىغا ئېلىنىدىغان ھەق 10 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ. ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پېڭ يۈەن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى تۈركۈمىگە كىرەلمىگەنلىكىمدىن بىر ئاز ئەپسۇسلىنىمەن. بۇ مېنىڭ 2- قېتىم ئىمتىھان بېرىشىم بولۇپ، 1- قېتىملىق ئىمتىھاندا بىر قانچە نۇمۇر كەم قالغانىدى. ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئاز بېسىم بولىدىغان بولدى.»

ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى تولۇق ھەقلىق قىلىش-- ئائىلە ئىقتىسادىي ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا توسقۇنلۇق قىلامدۇ- قانداق؟ مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى ھەقلىق قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىدە، «2014- يىلى كۈزدىن باشلاپ، ھازىر بار بولغان ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دۆلەتلىك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ماگىستىرلىق نەتىجىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىك مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «كەسپچانلىقنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىمىز. بىزگە ھەر كۈنى نەزەرىيە سۆزلەيدىغانلار كىرەك ئەمەس. بۇمۇ بىر خىل ئىسلاھات تەدبىرى بولۇپ، نەتىجىسى ئەلا بولغانلارغا ئىككى كىشىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشىمىز مۇمكىن. ئىلگىرى، ھەممەيلەن ئوخشاش پۇل ئالىدىغان، ئوخشاش ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولغاچقا، ئىلھام بېرىش مىخانىزىمى يوق ئىدى. ئەمدى، بۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.»

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر