ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ۋە پەن-تېخنىكا مۇپاكاتى يىغىنى ئېچىلدى

0 2014-01-08 11:50:01   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ۋە پەن-تېخنىكا مۇپاكاتى يىغىنى 6-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مۇكاپاتلانغانلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەمدە سۆز قىلدى.

شىنجاڭ كۇئېنلۇن مېھمانخانىسىنىڭ زالى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. جاڭ چۈنشيەن 2013-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جيا شاۋگۇاڭ، دوڭ ليەنخۇي، 2012-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنىڭ گەۋدىلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ مىڭتىڭ، جاڭ يوۋلىن، لى جىنوڭ، ۋۇ شىنيۈەن، تاشپۇلات تىيىپ قاتارلىقلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

276 تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىسى 2012-يىللىق ۋە 2013-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش بويىچە 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەكىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇكاپاتلاش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

تەقدىرلەش يىغىنى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بۆلۈم، كومىتېت، نازارەت، ئىدارىلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، سانائەت رايونلىرى، كارخانىلار، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلار، قۇرۇلۇش تېخنىكا مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر