توردا مال سېتىۋېلىش بارغانسېرى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ھەرىكىتىگە ئايلاندى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ 7-يانۋار مۇنداق دېدى: بۇ يىل ساغلام بولغان توردا پارچە سېتىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش تەكشۈرۈش ئۇسۇلى سىستېمىسى تۇرغۇزۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ توردا پارچە سېتىش ئىجتىمائىي ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا كىرگۈزۈلىدۇ.
ماجيەنتاڭ مەملىكەتلىك ئىستاتىستىكا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا، توردا سېتىش ئەنئەنىۋى ئىستىمال بويۇملىرىنى پارچە سېتىشقا ناھايىتى زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. توردىكى سېتىش مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىسى يوق مۇنتىزىم بولمىغانلارغا قارىتا، زور سانلىق مەلۇماتقا تايىنىپ، ئىنتېرنېت تورى سودىسى سەھنىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات يېغىش كېرەك. تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ ھىساۋات دەپتىرىدە توردا سېتىۋېلىش ئىستىمال چىقىمىنى ئايرىم ھېسابلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توردا پارچە سېتىش ئەھۋالى ئېنىقلىنىدۇ.