جۇڭ شيۇلىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 239 خىل دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (رايون)نىڭ باھانى ماسلاشتۇرۇشى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى گېنتامىتسىن قاتارلىق دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئېلان قىلغان ھەم 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 239 خىل دورىنىڭ باھاسى غەربچە 171 خىل دورىغا، جۇڭگوچە 69 خىل تەييار دورىغا چېتىلىدىكەن.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى، جەمئىيەتتىكى دورىلارنى پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرى ساتقان مۇناسىۋەتلىك دورىلارنىڭ باھاسى بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك باھانى ئاساسىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى دورا باھاسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلمىغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ