مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش سېتىۋالغان 190 يۈرۈش «يۆتكىلىشچان ئاشخانا» كەينى - كەينىدىن ھەر قايسى تۈردىكى مەكتەپلەرگە سەپلىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن.
2011-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي2 مىليارد 220 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 80 ناھىيە (شەھەر)دىكى 3300دىن ئارتۇق يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشخانىلىرى يېڭىدىن سېلىندى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سىلىندى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليۇن 180 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئۇزۇقلۇق تاماقنى ياخشىلاش پىلانى سىناق نۇقتىسىدىكى يېزا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي قاپلىنىش نىسبىتى %92كە يەتكەن، باشقا ناھىيە (شەھەر) يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %56كە يەتكەن.