جۇڭگو ئاخبارات تورى ، ئۈرۈمچى ، 6-يانۋار تېلېگراممىسى : يېقىندا ، بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ، شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى . بۇ ۋىلايەتتىكى ‹‹جۇڭگودىكى سوغۇق قۇتۇپ ›› دەپ نام ئالغان كۆكتوقاي ناھىيەسىدە بۈگۈن (6-يانۋار) ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃31-قا چۈشۈپ ، يەرگە سۇ سەپسە 15 سىكۇنتتىلا توڭلايدىغان ھالەتكە يەتتى .
5-يانۋار سائەت 20:00 دە ، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى جۇدۇندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ ، ئالتاي ۋىلايىتىدە جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، ئالتاي شەھىرى ، بۇرچىن ناھىيەسى ، قابا ناھىيەسى ، كۆكتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قار ياغىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئاز بولمىغان يول بۆلەكلىرىدە شىۋىرغانلىق قار بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، قىش كىرگەندىن بۇيان ئالتاي شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ئاساسەن ℃20-ئەتراپىدا بولۇپ ، بۈگۈن بۇنداق تۇيۇقسىزلا ئون نەچچە گىرادۇس تۆۋەنلىشى ئالتاي شەھىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، شوپۇرلارنىڭ يول يۈرۈشىگە ئاز بولمغىان قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇرغان .
ھەمبەھىرلىنىڭ