ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتۇشى بارغانسېرى ئەركىن، جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئازادە مۇھىتتا خىمىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان بولدى. بولۇپمۇ «يېڭى دەرسلىك ئۆلچىمى» يولغا قويۇلۇپ، خىمىيە دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىلغانلىقتىن، خىمىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن جەلپكارلىقى ئېشىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىدى. شۇڭا خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىدە تېگىشلىك ئىقتىدار ۋە شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
بىرىنچى، خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئىقتىدار
1. يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا ۋە تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇش
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى، ئۇنىۋېرسال بىلىم جۇغلانمىسىنىڭ مول، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇ تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى، دەرس ئۆتۈش جەريانىدىكى يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى تەسىرات ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىشكە ماھىر بولۇش
«قىزىقىش − ئەڭ ياخشى مۇئەللىم» بولۇپ، بىلىم ئىگىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنىۋى بۇلىقى.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا ئاساس ھازىرلاش باسقۇچى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىمىيە دەرسىنى ئەمدىلا ئۆگىنىشكە باشلىغان مەزگىلىدىن تارتىپ، ئۇلاردا خىمىيە دەرسكە نىسبەتەن قىزىقىشنى قوزغاش ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە بىلىملىرى بىلەن تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زىچ باغلىنىشى توغرىسىدا بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇندىن قالسا، تەجرىبە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى پائال ئۇيۇشتۇرۇپ، خىمىيە دەرسىنىڭ قىزىقارلىق پەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
3. قىيىن مەزمۇنلارنى جانلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەشكە ماھىر بولۇش
خىمىيە دەرسى مەزمۇنلىرى ئىچىدە ئېرىتمە توغرىسىدىكى ھېسابلاش، خىمىيەلىك رېئاكسىيە تەڭلىمىلىرىنى يېزىش، ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىشى بىرقەدەر قىيىن بولغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئوقۇتقۇچى چۈشىنىشلىك سۆزلەپ بېرەلمىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، قىزىقىشى سۈسلاپ كېتىدۇ - دە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن مەزمۇنلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلىشى كېرەك. مەسىلەن: كۆپ ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىنى ۋە كىسلاتا - ئىشقارلارنىڭ ئېرىش نۇقتىسىنى ئاسان ئەستە ساقلاش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىمىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە ئوڭايلىق يارىتىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنلىرىنى ياخشى بىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. كۆپ ۋاسىتىلىق كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنى ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش
كۆپ ۋاسىتىلىك كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە تېخنىكىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئوقۇتۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەريانىنى تېخنىكا جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بولۇپمۇ تور ۋە مەۋھۈم ئوقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغاندا، ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىپ، مەنزىرە، ھەمكارلىق، سۆزلەشمە ئاساسىدىكى ئۆگىنىش مۇھىتىنى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى، جۈملىدىن خاسلىقىنى تەكشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ يوللۇق ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش ھەۋىسى ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ.
ئىككىنچى، خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار
1. ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
خىمىيە ئىلمى نەزەرىيەسى سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشقا چېتىلىدىغان بولغاچقا، خىمىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مول كەسپىي بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا خىمىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش قارىشىنى تىكلەپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى مول ۋە ئەتراپلىق بولغاندىلا، دەرس نەزەرىيەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە باغلاپ جانلىق سۆزلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى تولۇق بىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن: خىمىيەلىك تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيەسىنى سۆزلىگەندە، بۇ نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ بىرىكمە ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئاممىياكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىدىكى رولى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، خىمىيە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
2. دەرس تەييارلاشتا نىشان ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
دەرسلىك ماتېرىياللىرىدىكى مەزمۇنلارنى پۇختا ئىگىلەش دەرسنى ياخشى تەييارلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ئاساستا دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇتۇشى، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
3. دەرس مەزمۇنىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك
دەرس مەزمۇنى ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل سەنئىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىمىيە ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى چوقۇم ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى، ھەر خىل ئېلېمېنت، ماددا، بەلگە، ئېنىقلىما، تەڭلىمە قاتارلىقلارنى ئۆلچەملىك ۋە توغرا ئىپادىلىشى كېرەك. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇملارنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى جانلىق ۋە يۇمۇرىستىك بولسا، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ.
4. دەرس مەزمۇنىنى مۇۋاپىق ھالدا تەكرارلاپ مېڭىش كېرەك
خىمىيە دەرسىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئاڭلىغاندا ئېنىق چۈشىنىۋالغۇدەك قىلىدۇ، ئەمما دەرستىن كېيىن مەشق ئىشلىگەندە قايمۇقۇپ، توغرا ئىشلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن دەرس تەس بىلىنىپ، خىمىيە دەرسكە نىسبەتەن قىزىقىشى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا تەكرارلاپ، ئاساسىي ئۇقۇم ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى پۇختا ئىگىلەپ ماڭمىغاچقا، ئۆگەنگەنلىرى ئاسانلا ئەستىن چىقىپ كېتىپ، ئاڭقىرالمايدىغان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ - دە، ئۆگەنسىمۇ بىلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
1) دەرسنى ئىمكانقەدەر ئوبرازلىق ۋە قىزىقارلىق سۆزلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭى مەزمۇن بىلەن ئىلگىرىكى مەزمۇنلارنى باغلاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
2) سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھىم مەزمۇن ۋە قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، تەجرىبىخانىدا ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئايرىۋېلىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى خىل گازنى ئايرىۋېلىشتا ئىشلەتكەن دورا، ئۈسكۈنە، ئايرىش پىرىنسىپى، باسقۇچلىرى، دەلىللەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ، ئاساسلىق مەزمۇننى يەكۈنلەش كېرەك.
3) ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەجرىگە لايىق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكتىن قورقۇپ، ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىش پىسخىكىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، قاراتمىلىق تەكرارنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، مەلۇم بىر مەزمۇن ياكى بىر بۆلەككە قارىتا مەخسۇس تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن مەشىق ئىشلەتسە، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىيەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەم ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى پۇختىلىغىلى، ھەم ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
5. تەجرىبىلىك ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
خىمىيە دەرسى ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەجرىبىنى ئاساس قىلىدىغان دەرس بولۇپ، خىمىيە دەرس تەجرىبىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابى بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئىزدەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان مۇھىم ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدۇر. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ۋە خىمىيە بىلىملىرىگە نىسبەتەن ئىنتىلىشىنى قوزغاشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. خىمىيە تەجرىبىلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا خىمىيە تەجرىبىسىنى خىمىيە ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىمىيە تەجرىبە ئوقۇتۇشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا خىمىيە نەزەرىيەلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىلىشى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك. بۇندىن باشقا، ئوقۇتقۇچى تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىشلەپ بەرمەستىن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بىرلىكتە تەجرىبە ئىشلەشكە قاتناشتۇرۇشى، دەرسلىكتىكى تەجرىبە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئاددىي تەجرىبىلەرنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە دەرسى مەزمۇنلىرىنىڭ تۇرمۇشقا نەقەدەر يېقىنلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق خىمىيەلىك ھادىسىلەرنى بايقىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
6. زامانىۋىلاشقان كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك
ھازىر زامانىۋىلاشقان كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تور تېخنىكىسى دەرسخانىلارغا كىرىۋاتىدۇ، خىمىيە دەرسى ئوقۇتۇشى بۇ خىل يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىشتا تولۇق ئاساس ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى رەسىم، ئاۋازلىق ماتېرىيال، ھەرىكەتچان سۈرەت ۋە پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا خىمىيە دۇنياسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
پايدىلانمىلار:
[1] «ئوقۇتۇش ئىلمى ئىزدىنىشى» [J]، خەنزۇچە، 2012 - يىللىق سانلار
[2] «پەن ۋە ئوقۇتۇش توپلىمى» [J]، خەنزۇچە، 2012 - يىللىق سانلار
[3] «مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىزدىنىشى» [J]، خەنزۇچە، 2013 - يىللىق سانلار
ئاپتورى: خالىدە مەمەت
(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 830002)