خەلق تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرىسىدىكى باقتۇ چېگرا ئېغىزىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان «يېشىل يول» سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلىدىكەن.
شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چېگرا ئېغىزى باشقۇرۇش كومېتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چوۋ جاۋشىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تارباغاتاي ۋىلايىتى باقتۇ چېگرا ئېغىزىدىكى «يېشىل يول» قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
چوۋ جاۋشىن تارباغاتاي ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.