ئىران بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدۇ

0 2014-01-04 22:54:32   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئېلېكتىر كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىران بىلەن رۇسىيە ئىراندا يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىۋېتىپتۇ ھەمدە پات ئارىدا كېلىشىم تۈزىدىكەن.
  ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھتاج ئىكەن. شۇڭا ئىران بىلەن رۇسىيە يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.
  ئىران زۇڭتۇڭى روھانى مۇنداق دېدى: ئىران رۇسىيە بىلەن داۋاملىق يادرو ئېنېرگىيەسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
  بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ئىراننى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: ئىراننىڭ بۇشېر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇ يىل 9 - ئايدا ئىشقا كىرىشىدۇ، رۇسىيە ئىران بىلەن تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر