رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ يېقىندا پياتېگورسكتا كاۋكاز «ماشۇك - 2013» ياشلار مۇنبىرىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى تاقاش تەكلىپىنى بەرگەن.
خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە، مېدۋېدېۋ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن: «نېمىشقا بەزى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىدا ئۆز ئورنىنى تاپالمايدۇ؟ ئەگەر ئالىي مەكتەپ تەربىيەلىگىنى جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىختىساس ئىگىسى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مەكتەپنى ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالمىغان ئالىي مەكتەپ دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇنى تاقىۋېتىش كېرەك».
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ ئۆتكەن يىلى رۇسىيەدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئۇلارنى باھالاپ چىقىش زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
رۇسىيە مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن مىنىستىرلىقى رۇسىيەدىكى 541 ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى 136 مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بەزىلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغان. رۇسىيەنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن مىنىستىرى لىۋا ئىۋانوۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى 2016 - يىلىدىن ئىلگىرى تاماملاش كېرەك».