«جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

0 2014-01-02 23:09:48   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، »جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى« پائالىيىتىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 8 -كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق يىپەك يولى بويىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىجىل - ئىناقلىقى، يەرلىك سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن.
  بىر ئايدىن ئۇزاقراق داۋاملىشىدىغان »جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى« پائالىيىتىدە ئېلىمىزدىكى داڭلىق رەسساملاردىن چى بەيشى، شۈ بېيخۇڭ قاتارلىقلارنىڭ 70 پارچىدىن ئارتۇق مەشھۇر جۇڭگوچە رەسىمى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئويما رەسىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، شۇنداقلا ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ شىنجاڭدا ئىجاد قىلغان رەسىم، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. 9 - ئاينىڭ 2 -كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا شىنجاڭلىق داڭلىق ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېينىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ كېچىلىكتە ۋاڭ خۇڭۋېي رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ناخشىچىلار بىلەن بىرلىكتە نومۇر كۆرسەتكەن. ئۇندىن باشقا، يەنە رۇسىيەنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ياشلار سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان.
  ئىگىلىنىشىچە، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلىرى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر