3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان دۆلەت، تەشكىلات ۋە كارخانىلارنىڭ سانى ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپەيدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا 11 ى كۆپەيدى، بۇ دۆلەتلەر ئاۋسترىيە، لىتۋانىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت ھالقىغان ئوندەك شىركەت ۋە چوڭ كارخانا كۆرگەزمىگە ياكى مۇنبەر ۋە مەخسۇس پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىملاردىن ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن ئامېرىكا «خونېيۋېل»، ئەنگىلىيە PwC ،BP قاتارلىقلار كۆرگەزمىگە قاتناشقان. بۇ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارا كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقە ئورنىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار ئالدىنقى نۆۋەتتىكى 17 دىن 22 گە كۆپەيدى. فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەنگىلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتى، لاتۋىيە مەبلەغ سېلىش - تەرەققىيات مەھكىمىسى ۋە ئالمۇتا سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى تەكلىپ بويىچە بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار بولۇپ قالدى.