شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

74 2014-01-01 14:17:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوۋ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سانت پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 02 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە قىرغىزىستاننىڭ بىشكېكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.
  بۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى 3 - قېتىم زىيارەتكە چىقىشى. ھەمكارلىق، دوستلۇق، ئورتاق گۈللىنىش يېڭى باسقۇچتىكى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىكى مەنزىلنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.
  ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق زىيارەتتە شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو - ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگونىڭ ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىغا ۋارىسلىق قىلىشنى نىشان قىلغان.
  بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، دۇنيا ئىقتىسادى يۈزلىنىۋاتقان رىقابەتلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نەزەردە تۇتۇلغان.
  بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ دۇنياغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور، رايونلارغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر. ئۇ جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە ئەندىزىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ، ئۇلۇغ مىللەتلەر گۈللىنىشى ھېسابلانغان »جۇڭگو ئارزۇسى« بىلەن مۇستەھكەم تىنچلىق، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا ئارزۇسىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر