رۇسىيە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0 2014-01-01 23:02:16   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى كابىنت يىغىنى يېقىندا ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش، سېلىنما ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش، كىرېدىت تەمىناتىنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەم ئايرىم ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق بەش تۈرلۈك چوڭ تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
  رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئۇركايېۋنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك چوڭ تەدبىرنىڭ كونكرېت چارىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنى ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلارغا مايىللاشتۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق فوندى ۋە كۈتۈنۈش ئامانەت پۇلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ساھەسىگە سېلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ سودا پائالىيىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئاشۇرۇش، تاشقى مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىش؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش بىلەن ئالاقىدار ئايرىم ساھەلەرنى ئالاھىدە يۆلەش.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر