بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۈرى قورغاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۈرىگە ئۇل سېلىندى. بۇ ئوبوروت باغچىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زەنجىرسىمان سوغۇق ساقلاش ئەشيا ئوبوروت ئەندىزىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، قورغاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۈرىگە 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 500 موغا يېتىدىكەن. بۇ تۈرگە شىنجاڭ تەمىنات سودا مەبلەغ سېلىش (پاي كونترول) گۇرۇھ شىركىتى بىلەن قورغاس ناھىيەلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپى ئورتاق مەبلەغ سالغان بولۇپ، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، ئەشيا ئوبوروتى، توڭلىتىپ سوغۇق ساقلاش، ئېكسپورت بېجى ئالماسلىق، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، مېھمانساراي» قاتارلىق توققۇز چوڭ ئىقتىدارنى بىر گەۋدە قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىللىق تاۋار سودا مىقدارى 10 مىليون توننىغا، سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.
بۇ تۈر قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالىي رايون سودا ئەشيا ئوبوروت رايونىغا جايلاشقان، قورغاس ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جىڭ - غۇلجا - قورغاس تۆمۈريولى، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، چىڭسىخوزا - غۇلجا يۇقىرى دەرىجىلىك يولى بىلەن قوشنا بولۇپ، قورغاس پورتىغا 28 كىلومېتىر، غۇلجا شەھىرىگە 60 كىلومېتىر كېلىدىغان، قازاقىستانغا ئەڭ يېقىن شەھەر − ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ياركەنت شەھىرى بىلەن 50 كىلومېتىر، قازاقىستاننىڭ ئەسلىي پايتەختى، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزىدىكى ئالمۇتا شەھىرى بىلەن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، قاتناش قۇلايلىق.
ئىلى «توكەي» تەمىنات - سودا، ئىقتىساد - سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ شېڭ مۇنداق دېدى: «2020 - يىلىغا بارغاندا بۇ باغچا رايونىنى شىنجاڭغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، رۇسىيەگە يۈزلەنگەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىركىتىمىزنى غەربىي رايوندىكى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە كەسپىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت شىركىتىگە ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ نىشانىمىز».
ۋۇ شېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زەنجىرسىمان سوغۇق ساقلاش ئەشيا ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرۇش − يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىنكى زىياننى ئازايتىپ، تېرىلغۇ يەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ۋاسىتىلىق تېجەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پەسىل ھالقىپ تەكشى سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.