ئاشخانا جابدۇقلىرىنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

0 2013-12-31 17:32:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  ئاشخانا جابدۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
 1. قومۇش ۋە ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.
  قومۇش ۋە ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بولىدۇ، چوكىلارنى ئەڭ ياخشىسى ھەپتىدە بىر قېتىم پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن سۇدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىش ياكى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىككى ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا دېزىنفېكسىيە قىلىۋېتىش كېرەك.
 2. سۇلياۋدىن ياسالغان جابدۇقلارنى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.
  سۇلياۋدىن ياسالغان جابدۇقلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن چۈرۈكلىشىپ، كونىراپ، ئاسانلا زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، راك پەيدا قىلغۇچى مەنبەگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
  3. مېتالدىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتسىلا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
  تۆمۈر جابدۇقلارنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت داتلاشماس «ماي قەۋىتى» بار بولۇپ چۈشۈپ كەتسىلا، تۆمۈر جابدۇقلاردىكى داتلار ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرۇپ قۇستۇرىدۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ ۋە ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ. داتلاشماس پولاتلار تۆمۈر خروم قېتىشمىسىغا نىكېل ۋە مولبىدىن قاتارلىق مېتاللارنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، شۇڭا مېتالدىن ياسالغان ئاشخانا جابدۇقلىرىدا بۇزۇلۇش ۋە سىرى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك.
  4. ساپال ۋە فار - فوردىن ياسالغان جابدۇقلارغا دەز كەتسىلا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
  ساپال ۋە فار - فورلارنىڭ بويىقىدا قوغۇشۇن بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا دەز كېتىپ قالسا قوغۇشۇن ئاسانلا يېمەكلىكلەرگە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
         تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىق كەسپىي تېخنىكومىىدىن نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر