10 خىل تەبىئىي چىش تازىلاش يېمەكلىكىنى بىلەمسىز؟

0 2013-12-31 17:27:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  يېقىندا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە چىش تازىلىغۇچى يېمەكلىكلەر بەك مودا بولۇپ كەتتى، ئۇلار چىشنى چىڭىتىپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز تازىلىقىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر چىش ساقلىقىنى ساقلاش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر 10 خىل تەبىئىي چىش تازىلاش يېمەكلىكىنى تونۇشتۇرىدۇ:
  1. بۆلجۈرگەن: چىشنى چىڭىتىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە چىشنى ئاقارتىدىغان ھەم پاكىزلەيدىغان تەركىبلەر بولغاچقا، چىشتىكى چاي ۋە قەھۋە داغلىرىنى پاكىز چىقىرالايدۇ.
  2. چېچەكسەي: چىشنى ئاقارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىش داغلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
  3. تاۋۇز: تاۋۇزدىكى ۋىتامىن C چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، «ئەركىن رادىكال» مولىكۇلىسىنىڭ ئوكسىدلىنىپ چىشنى قېرىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
  4. ئاپېلسىن: ئاپېلسىندىكى ۋىتامىن C مۇ ئوخشاشلا چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭدىكى تالالار يەنە چىش داغلىرىنى تازىلايدۇ.
  5. ئالما: ئالمىنى چاينىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ چىشنى تازىلايدۇ ھەم چىڭىتىدۇ، يەنە بەدەننىڭ قەنتلەرنى سۈمۈرىشىنى كېمەيتىدۇ.
  6. قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار: قارامتۇل يېشىل رەڭلىك يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا كاروتېن مول بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ، چىش مىلىكىنىڭ مەزمۇتلىقىغا ياردىمى بولىدۇ.
  7. سۈت ياسالمىلىرى: تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە قېتىكتىكى ئاقسىللار چىشقا يېپىشىۋېلىش ئارقىلىق كىسلاتالىق ماددىلاردىن قوغداپ چىش ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە قاتتىقراق ئېرىمچىكلەرنى چايناش ئارقىلىق شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
  8. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر: بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تازىلاپ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  9. ئۈزۈم: ئۈزۈمدىكى تازىلىغۇچى ئېنزىم − ئالما كىسلاتاسى چىشنى ئاقارتىدۇ.
  10. سۇ: تاماق يەۋاتقاندا ئازىراق ئۇسسۇزلۇق ئىچىش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
           تۇرپان شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر