1. ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالاش
قارىمۇچتىن 10 دانە، تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىدىن بەش دانە، ئۇرۇقى چىقىرىۋېتىلگەن چىلاندىن 3 دانە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈندە 1 قېتىم، كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق كېمەيتىپ بەرسە بولىدۇ.
2. تارقىلىشچان گۈرەن بېزى ياللۇغىنى داۋالاش
بىر گىرام قارىمۇچ تالقىنىنى 10~8 گىرام ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىلمان قايناقسۇدا ئۇماچ قىلغاندىن كېيىن، ئاغرىغان جايغا چېپىپ داكا بىلەن مۇقىملاشتۇرىۋالسا بولىدۇ.
3. ھەزىم ياخشى بولماسلىقنى داۋالاش
كۈن ئارىلاپ 1 قېتىمدىن 1 گىرام قارىمۇچ تالقىنىنى كىندىككە قۇيۇپ، ئۈستىگە داكا يېپىپ پىلاستىر بىلەن مۇقىملاشتۇرىلىدۇ. بۇ ئىشتىھاسىزلىق ۋە تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. قۇرۇت يىگەن چىش ئاغرىقىنى داۋالاش
ئازراق ئاقمۇچ تالقىنىغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇت يىگەن چىشنىڭ تۆشىكىگە سېلىپ قويسا، چىش ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدۇ.
تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىق كەسپىي تېخنىكومىدىن نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان