ئادەتتە دورا ئارقىلىق داۋالاش يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشقا يەتمەيدۇ دەيدىغان گەپلەر بار. ئەمەلىيەتتىمۇ تاللاش توغرا بولسىلا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. يېقىندا ئەنگىلىيە »كۈندىلىك پوچتا گېزىتى« دىمۇ ئالتە خىل كېسەللىككە مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرۇق مېۋىلەر تونۇشتۇرۇلدى.
1. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم
قۇرۇق ئۈزۈمدە بور ئېلېمېنتى ناھايىتى مول بولغاچقا ئۇنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ھەيزى توختىغان ئاياللارنىڭ سۆڭىكىنىڭ شالاڭلىشىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنى كالىتسىي مىقدارى مول بولغان قېتىق ۋە بور مىقدارى مول بولغان ئامېرىكا تاغ ياڭىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2. چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە چىلان
كىشىلەر چارچىغان چاغدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭدا قەنتنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان چىلان ناھايىتى ياخشى تاللاش بولۇپ، قان قەنتى تېز ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا تويۇنۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
3. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە گىلاس قېقى
گىلاستا سىئانىدىن ناھايىتى مول بولۇپ، بوغۇم ياللۇغى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىدىن مەلۇم بولىشىچە، تەركىبىدە گىلاس مول بولغان يېمەكلىكلەر ياللۇغنى %50 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. كۈندە ئىككى قېتىمدىن ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 100 گىرامدىن گىلاس قېقى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئادەمگە ناھايىتى پايدىلىق بولىدىكەن.
4. يۇقۇرى قان بېسىم ۋە ئۆرۈك قېقى
ئۆرۈك قېقىدىكى كالىينىڭ مىقدارى باناننىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كالىينىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بولىدۇ. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، كالىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن يۇقۇرى بولغاندا، يۇقۇرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
5. قەۋزىيەت ۋە قارىئۆرۈك قېقى
بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 دانىدىن قارىئۆرۈك قېقى (تەخمىنەن 50 گىرام) ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قەۋزىيەتنى يەڭگىللىتىش ئۈنىمى دورىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. قارىئۆرۈك قېقىدا سوربۇزا ناھايىتى مول بولۇپ چوڭ تەرەتنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
6. قان ئازلىق ۋە ئەنجۈر قېقى
كۈندە 4 دانىدىن ئەنجۈر قېقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننىڭ كۈنلۈك تۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ تۆتتىن بىرىنى قامدىغىلى، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ئەنجۈر قېقى بىلەن ۋىتامىن C مول بولغان ئاپېلسىن شەربىتىنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ گۆشسىز يېمەكلىكلەردىن تۆمۈرنى ئىستېمال قىلىشىغا تېخىمۇ ياردىمى بولىدۇ.
تۇرپان شەھەر چاتقال يېزا قاراخوجاكارىز مەكتەپتىن كېرەمجان ئىبراھىم تەييارلىغان