ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى قىسمەن ئادەتلەر قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

0 2013-12-30 23:58:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلىغاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
  ھەسەل قوشۇلغان سۈت ئېچىش: سۈت تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان ماددا بولۇپ، ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ھەسەل قوشۇلغان سۈت ئىچكەندە، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
  ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز يۇيۇش سەھەردە يۈز يۇغاندىنمۇ مۇھىم، چۈنكى يۈز تېرىسى كۈندە نۇرغۇن ۋىرۇس قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى قوبۇل قىلىۋالغان بولغاچقا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز يۇيۇپ تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.
  بارماق بىلەن چاچ تاراش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بارماق بىلەن چاچ تارىغاندا، باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، چاچ چۈشۈش، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
  15 مىنۇت سەيلە قىلىش: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15 مىنۇت تىنچ سەيلە قىلغاندا ئۇخلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، تېرە ئاسرىغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر