شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلىدۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن ئادەملەر تۇرمۇشىمىزدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان شېكەرنىڭمۇ ھاراق - تاماكىغا ئوخشاش خۇمار قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى »تەبىئەت« ژورنىلىدا ماقالا ئېلان قىلىپ شېكەرنىڭ ساپ ئىسسىقلىق ماددىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ۋىتامىن، مېنىرال ماددا ۋە ئاقسىللارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئادەمنى سەمرىتكەندىن باشقا يەنە چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ دوپامىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئادەمدە خۇمار پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر تەرەپتىن شېكەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھورمونلارغا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە چوڭ مېڭە تويۇنۇش سىگنالىنى تارقىتالماي قالىدۇ - دە، قورساق تويسىمۇ داۋاملىق يېگۈسى كېلىپلا تۇرىدىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چوڭ مېڭە ئۈزلۈكسىز ھالدا شېكەر ئىستېمال قىلىش سىگنالىنى تارقىتىپ تۇرىدۇ، خۇددى ھاراق - تاماكا خۇمارىغا ئوخشاش شېكەر يەپ تۇرغان ئادەملەر شېكەرگە بارغانسېرى ئامراق بولۇپ كېتىدىكەن.
ئۆتكەن 50 يىلدا پۈتۈن دۇنيادا شېكەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى 3 ھەسسە ئاشتى، شېكەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ، زىيىنى مايلارنىڭكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. شۇڭا شېكەرنى كۆپ قىسىم ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرنىڭ «باش جىنايەتچىسى» دېيىشكە بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، شېكەر كىشىلەرگە خوشاللىق ھەم قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىكەن، بىراق شېكەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنىشى يۇقىرى قان بېسىمى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن.
بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنىڭ ئارتۇقچە كۆپ ئىستىمال قىلىنىشى »تويۇنۇش تۇيغۇسى« نى پەيدا قىلىدىغان ھورموننىڭ پەيدا بولىشىنى چەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار تويۇپ ئاشقىدەك تاماقلانغان بولسىمۇ يەنىلا تويمىغاندەك تۇيۇلۇپ ئارتۇقچە ئوزۇقلىنىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سەمىرىپ كېتىدۇ.
تۇرپان شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان