ھەسەل ۋە ھەسەل ياسالمىلىرى ياشانغانلارنىڭ فىزىيولوگىيىلىك ئېھتىياجىغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكىدۇر. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ گلۇكوزىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما فروكتوزا (مىۋە قەنتى) دىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇڭا فروكتوزا ۋە تەركىبىدە فروكتوزا بولغان يېمەكلىكلەر ياشانغانلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك قەنتلىك يېمەكلىكلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بەدەننى ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەنلا تەمىنلەپ قالماي، يەنە بەدەننى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر خىل كاربون سۇ بىرىكمىىلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.
ياشانغانلار قەنت ئىستېمال قىلسا ئاسانلا قان قەنتىنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ، يۇقىرى قان مېيى كېسىلى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلى ۋە دىئابېت كېسىلى قاتارلىق ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا بولسا بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى ھەسەلدە ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان گلۇكوزا ۋە فروكتوزىدىن ئىبارەت ئىككى قەنت بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نىسبىتىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ، ياشانغانلار ھەسەل ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن تەركىبىدىكى گلۇكوزا ناھايىتى تېزلىكتە بەدەنگە سۈمۈرىلىدۇ، ئەمما فروكتوزىنىڭ سۈمۈرىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، قان قەنتىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ.
ھەسەلنىڭ يەنە ياشانغانلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ. دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ تۇرغاندا يۆتەل، ئۇيقۇسىزلىق، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى، قەۋزىيەت، تولغاق ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەسەل ئادەتتە يەنە »ياشانغانلار سۈتى« دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ.
تۇرپان شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان