نەشپۈت دەرىخىنى كۈزلۈك ئۇلاش تېخنىكىسى

0 2013-12-29 00:34:23   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  1. ئۇلاش ۋاقتى
  ئادەتتە نەشپۈت دەرىخىنى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە ئۇلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بەك بالدۇر ئۇلىسا، خىپچىلارنىڭ ياغاچلىشىش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، گۈل بىخى يېتەرلىك بولمايدۇ ھەمدە ئاسانلا ئىككىنچى قېتىملىق گۈلى ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ بەك كېيىن ئۇلىسا، ئۇلانغان جاي ئاسان تۇتماي، ئەي بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. خىپچىنى تاللىغاندا، ئەلا سورتلۇق نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئوتتۇرا، ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تىمەن ئۆسكەن، دىيامېتىرى 0.5~0.1 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20~10 سانتىمېتىر كېلىدىغان گۈل شېخىنى تاللاش ھەمدە بىر تەرەپتىن كېسىپ ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلاش كېرەك. ئەگەر توشۇشقا توغرا كەلسە، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۇلىسا ئەي بولۇش نىسبىتىنى %95 كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
  2. ئۇلاق ئورنى
  دەرەخ تاجىسىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى 3~1 يىللىق غول شاختىكى ھەر 30 سانتىمېتىر ئارىلىققا بىردىن خىپچا ئۇلىنىدۇ (شاخنىڭ ئاساسىي قىسمىدىكى سىلىق ئورۇنغا ئۇلاش كېرەك). خىپچىنى ئۇلاش يۆنىلىشى شاخنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىگە ئاساسەن بەلگىلىنىشى كېرەك.
  3. ئۇلاش ئۇسۇلى
  ئادەتتە خىپچىدىن تومراق شاخلارغا ئۇلىغاندا يارما ئۇلاق ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاۋۋال ئىتتىك پىچاق بىلەن خىپچىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىنى 1 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يانتۇ كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئورمان قايچىسى بىلەن ئۇلىنىدىغان ئورۇننىڭ يان تەرىپىدىن شاخنىڭ ئۆزەك قىسمىغا كەلگۈچە چوڭقۇرلۇقتا كېسىپ، خىپچىنىڭ كېسىلگەن قىسمىنى ئۇلىنىدىغان جايغا كىرگۈزۈپ، ئۇلاق تۈۋى شەكىللەندۈرۈش قەۋىتىنى بىر - بىرىگە توغرىلاپ (بىر تەرىپى توغرىلانسىلا بولىدۇ)، ئاخىرىدا سۇلياۋ بىلەن چىڭ ئوراپ قويۇلىدۇ. كۆپ يىللىق شاخلارنى ئۇلىغاندا كۆپ ھاللاردا قوۋزاق ئۇلاق ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا خىپچىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىنىڭ بىر تەرىپىنى يانتۇ كېسىۋېتىپ، ئۇلىنىدىغان شاخنىڭ قوۋزىقىدىن 1 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا شىلىۋېتىپ، ئاندىن خىپچىنىڭ كېسىلگەن يۈزىنى ئۇلىنىدىغان جايغا كىرگۈزۈپ، سۇلياۋ بىلەن چىڭ ئوراپ قويسىلا بولىدۇ. ئۇلايدىغان خىپچىنىڭ سانى دەرەخ تاجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر