تەرخەمەكنىڭ چېچىكىنى ئۈزۈۋېتىش تەرخەمەكنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، نورمال يوغىنىشىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا، تەرخەمەك مېۋىلىگەندە ئۇنىڭ ئۇچىدىكى چېچىكىنى ئۈزۈۋەتمەستىن، ئەكسىچە چېچەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھازىر بەزى جايلاردا تەرخەمەك تېرىغان دېھقانلارنىڭ پارنىكلىرىدا تەرخەمەك چېچىكىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن: (1) پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى. قەھرىتان قىشتىكى پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى تەرخەمەك يىلتىزىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىپ، تەرخەمەك غولىنىڭ سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى نورمال سۈمۈرۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ؛ (2) ئوغۇتلاشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى. تەرخەمەك مايسىلىرىنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشقا سەل قاراپ، خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا، تۇپراق ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوغۇتلاش نامۇۋاپىق بولۇپ، ئىشلىتىلگەن ئوغۇتلاردا ھورمۇن تەركىبى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، تەرخەمەك يىلتىزى زەخىملىنىپ تەرخەمەكنىڭ چېچىكى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ (3) تەرخەمەك يېڭى چۈشۈشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، شاخلاردا تەرخەمەكنى كۆپ قالدۇرۇشقا كۈچەپ، قالايمىقان ئوغۇتلاشمۇ تەرخەمەكنىڭ نورمال يوغىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، تەرخەمەكنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن:
1. تەرخەمەك شاخلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى نورمال يېتىلمىگەن تەرخەمەكلەرنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھەربىر شاختىكى تەرخەمەك سانىنىڭ نورمال بولۇشىغا، بۇ ئارقىلىق تەرخەمەكلەرنىڭ ئوزۇقلۇقنى نورمال قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. پارنىك مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلاپ، تېمپېراتۇرىنىڭ نورمال بولۇشىغا، يورۇقلۇق چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ كۈندۈزى 30~28 گىرادۇس، كېچىسى 15 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.
3. ئوغۇتلاش ۋە سۇغۇرۇش مەشغۇلاتىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك. مۇۋاپىق سۇغۇرۇپ يىلتىزنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىلتىزنى ئاسراپ، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن خىمىيەلىك ئوغۇتنى نىسبەت بويىچە تەڭشەپ ئوغۇتلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تەرخەمەكنىڭ ئۆسۈشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تېزلىتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.