بىرىنچى، كېسەللىك ئالامىتى
بۇ كېسەللىك شوخلىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە 1 - مېۋە شېخىدا ئاۋۋال كېسەل پەيدا بولىدۇ، بەزىدە پۈتكۈل تۈپتە تۇيۇقسىز كېسەل پەيدا بولۇپ، يوپۇرماقلار تۈرۈلۈپ، كانايسىمان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شوخلىنى كۈن چېقىپ، يوغىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
ئىككىنچى، كېسەللىك سەۋەبى
پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرگەندە ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدە فىزىيولوگىيەلىك يوپۇرماق تۈرۈلۈش كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ شامالدىتىش ئېغىزىغا يېقىن يەردىكى شوخلىلاردا بۇ ئەھۋال ئېغىر بولىدۇ. ئاساسلىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاق ھاۋانىڭ تەسىرىدە يوپۇرماقتىكى سۇنىڭ پارلىنىشى كۈچىيىدۇ، يوپۇرماق سۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يوپۇرماق تۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئەتىيازدا شوخلىنى بالدۇر بازارغا سېلىش ئۈچۈن تېرىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچىنى بەك بالدۇر ئۈزسە، قولتۇق بىخ كۆپىيىپ، يوپۇرماقتىكى فوسفات كىسلاتاسىنىڭ توشۇلۇشىغا تەسىر يېتىپ، يوپۇرماقنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يوپۇرماق تۈرۈلۈشنى پەيدا قىلىدۇ. بەك بالدۇر پۇتىۋەتسە، يوپۇرماقنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە يۈزى كىچىك بولۇپ، تۈپ ياخشى ئۆسەلمەي، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، سۇ ۋە ئوغۇتنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە ئاسانلا يوپۇرماق تۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
1. سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋە باشقا پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، شوخلىنىڭ ئۆسۈش شەكلى ۋە يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكىنى تەڭشەپ، بەك قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما، ئۇسساپ كەتكەندە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، چۈش ۋاقتىدا سۇغارماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، فىزىيولوگىيەلىك قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن يوپۇرماق تۈرۈلۈش ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
2. ئۇچىنى ئۈزۈش ۋە يان شاخلىرىنى پۇتاپ شەكىلگە كەلتۈرۈشنى تۈپنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، مۇۋاپىق مىقداردىكى يوپۇرماق زىچلىقىنى ساقلاپ، بەك ئاينىپ كېتىش ياكى بالدۇر زەئىپلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.