يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆكتاتلارغا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ:
1. چېچەكنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: قىزىل مۇچ، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار چېچەك مەزگىلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇقسا، چېچەك كىچىكلەپ، ياخشى تەرەققىي قىلالمايدۇ.
2. نۇردىن زەخىملىنىدۇ. كۈن نۇرى كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك تۆۋەن، ھاۋا ئۆتۈشۈش ناچار بولسا، كۆكتاتلاردا نۇردىن زەخىملىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يەنى، يوپۇرماقلار ئالدى بىلەن يېشىللىقىنى يوقىتىپ، كېيىن ئاقىرىدۇ، تەدرىجىي تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، مېۋىلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ، پوستى قوتۇرلىشىدۇ ھەم مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.
3. چېچەك ۋە مېۋىلىرى تۆكۈلىدۇ ھەم غەيرىي شەكىلگە كىرىدۇ. يۇقىرى تېپېراتۇرا، بولۇپمۇ كېچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شوخلا ئانىلىق چېچىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەيدۇ. ئاتىلىق چېچەكنىڭ پۈچەك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاڭلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە چېچەك ۋە مېۋىلەر كۆپ مىقداردا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. قىزىل مۇچتا بولسا مېۋە شەكىللەنمەيدۇ. كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، شوخلىنىڭ مېۋىسى يېرىلىدۇ، تەرخەمەكنىڭ ساپىقى ئۇزۇن، مېۋىسى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، رەڭگى نورمالسىز بولۇپ، غەيرىي شەكىلدىكى مېۋىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ ھەم تاۋارلىق قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ.