كۈزدە مېۋىلىك باغ بىنا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

0 2013-12-27 00:58:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   gulmire
T|T:خەت رەزمىرى

  بىرىنچى، كۈزدە مېۋىلىك باغ بىنا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى
  مېۋىلىك باغ بىنا قىلىشتا ئەتىياز پەسلى ۋە كۈز پەسلىدە باغ بىنا قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئادەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىياز پەسلىدە باغ بىنا قىلىش ئۇسۇلى كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە باغ بىنا قىلغاندا ھاۋا قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولۇش، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەش، كۆچەت تېز سۇسىزلىنىش سەۋەبلىك كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ھەمدە ئەمگەك سىجىللىقى ئېشىپ كېتىدۇ. كۈزدە باغ بىنا قىلغاندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، كۆچەتلەر تىنچلىنىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، كۆپ سۇغىرىش ھاجەتسىز، كۈزلۈك تېرىلغۇدىن كېيىن ئەمگەك كۈچلىرى بىرقەدەر مول بولغانلىقتىن كۆچەتلەرنى تۈجۈپىلەپ تىكىپ، ئۆز ۋاقتىدا سۇغارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈزدە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يەر ئۈستى قىسمى تىنچلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، يەر ئاستى قىسمى ئۆسۈش ھالىتىدە بولغاچقا، كۆچەتلەرنىڭ زەخىملەنگەن يىلتىزلىرى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا بىخلىنىشى ۋە ئۆسۈشى تېز بولىدۇ، ئەتىياز پەسلىگە قارىغاندا كۈزدە تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۆسۈشى تېز بولىدۇ.
  ئىككىنچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  1. يەر تەييارلاش: باغ يېرىنى شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، سۇغىرىشقا قۇلايلىق، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولغان شورسىز جايدىن تاللاش كېرەك. شورلوق، ئۈنۈمسىز تۇپراقلارنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن باغ بىنا قىلىشقا بولىدۇ.
  2. ئەلا سۈپەتلىك، تىمەن كۆچەتلەرنى تاللاش: كۆچەتلەرنىڭ تىمەن بولۇشى باغ بىنا قىلىشنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېسەل ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان، ئاجىز كۆچەتلەرنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن ئورۇنلاردا تىكىلىدىغان كۆچەتلەرنى ياز پەسلى بېكىتىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەسلى ئورنىدا تولۇق ياغاچلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاسان ئۈششۈپ قالىدۇ.
  3. تىكىش مەزگىلىنى توغرا ئىگىلەش: ئادەتتە كۈزدە كۆچەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى پىشىپ رەڭ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان مەزگىلدىن باشلاپ  يەر توڭلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تىكىشكە بولىدۇ. شارائىت يار بەرسە ئەسلىدىكى توپىسى بىلەن قوشۇپ يۆتكەپ تىكسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  4. سۇغىرىش: كۆچەتلەرنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قانغۇدەك سۇغىرىش لازىم. يەر توڭلاشتىن ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك توڭ ياتقۇزىۋېتىش كېرەك. ئىككىنچى يىلى كۆچەتلەر كۆكلىگەندىن كېيىن ھاۋا تېپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن سۇغىرىش كېرەك.
  5. قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش: ئۈزۈم تېلى ھەم باشقا ئەنجۈر، ئانار دەرەخلىرى ۋە 2~1 يىللىق ياڭاق، شاپتۇل كۆچەتلىرىنى ۋاقتىدا كۆمۈپ قىشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە نەشپۈت، چىلان، ئالما، ئۆرۈك قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ غولىنى چاتاش ھەمدە كېسىلگەن يارا ئېغىزلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، غولىنى ئاقارتىش، توڭ ياتقۇزۇشتىن ئىلگىرى دەرەخ يىلتىز بوغۇزى ئەتراپىغا mc52 ئېگىزلىكتە توپا يۆلەش كېرەك. كۆچەتنىڭ تۆۋەن قىسمىغا ھايۋانات، قۇشلارنىڭ قېنىنى سۈركەپ، توشقان ۋە چاشقان ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر