نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە شەھەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي يېشىللىق كۆلىمى تارىيىپ، شەھەر مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ كۆرۈلىۋاتقان ئاتموسفېرا بۇلغىنىش، سۇ بۇلغىنىش، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ چۆللىشىشى، كىسلاتالىق يامغۇر ۋە زەھەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملاردىن بۇلغىنىش ئەھۋاللىرى ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ھايات - ماماتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق دەۋرىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ شەھەر كۆكەرتىشى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئايلاندى ھەم ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى.
بىرىنچى، شەھەر كۆكەرتىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىشتىكى رولى
1. شەھەر كۆكەرتىش ئۇقۇمى
شەھەر كۆكەرتىش دېگىنىمىز شەھەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تەبىئەت بىلەن بىرىككەن ئېكولوگىيەلىك ئارامگاھ ۋە مۇقىم يېشىللىق بەرپا قىلىش ئاساسىدا، ئېكولوگىيە ئىلمى ۋە تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، زونالىق كولونىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەھەر يېشىللىق مۇھىتىنى ئىلمىي ۋە بەدىئىي ھالدا قايتا نامايەن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
2. شەھەر كۆكەرتىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم رولى
(1) ھاۋانى پاكلاشتۇرىدۇ
ئۆسۈملۈكلەر كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كاربون بىلەن ئوكسىگېننىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەردە نوپۇس زىچلىشىپ كېتىش، زاۋۇتلار مەركەزلىشىپ قېلىش، قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى ئېشىپ ئوكسىگېن كېمىيىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ھەرقانداق ئىلغار يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرمۇ گۈل - گىياھلارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ھەر مو يېشىللىق كۈنىگە 900 كىلوگىرام كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، 600 كىلوگىرام ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرالايدۇ، بۇ 1000 ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشىگە يېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەربىر شەھەر ئاھالىسىگە 10 كىۋادرات مېتىر ئورمان ياكى 25 كىۋادرات مېتىر چىملىق توغرا كەلسە، زۆرۈر بولغان ياشاش مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ.
(2) زەھەرلىك گازنى سۈمۈرىدۇ
گۈل - گىياھلار زەھەرلىك گازنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئاتموسفېرادىكى زەھەرلىك گازنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، زەھەرلىك گازنىڭ توپلىنىپ ئادەمنى زەھەرلەش دەرىجىسىگە يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاتموسفېرانى پاكلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
(3) چاڭ - توزاڭنى ئازايتىدۇ
دەل - دەرەخلەرنىڭ شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش رولى بار بولۇپ، ھاۋادىكى كۆپلىگەن چاڭ - توزانلار شامال سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. يوپۇرماق يۈزى تەكشىسىز، تىۋىتى كۆپ ھەم يېپىشقاق ماي ۋە سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، چاڭ - توزانلارنى چاپلاشتۇرۇۋالىدۇ. يامغۇر سۈيىنىڭ يوپۇرماقلارنى يۇيۇپ، سۈمۈرۈش رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئېگىز دەرەخلەرنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، يوپۇرماق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى كەڭ، چاڭ - توزاڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.
(4) باكتېرىيەنى يوقىتىدۇ
گۈل - گىياھلار قويۇپ بەرگەن ئاجراتمىلار ھاشارات يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، سودا سارايلىرىدا ھەر كۇب مېتىر ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى باكتېرىيە سانى 4 مىليونغا، دەرەخلىك ئارىسىدىكى يولدا 480 مىڭغا، باغچىلاردا 1000 غا، ئورمانلىقتا بولسا 55 كە يېتىدۇ، 1 كۇب مېتىر بۇلغانغان سۇ ئورمانلىق بەلۋېغىدىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىن باكتېرىيەلەرنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كېتىدۇ.
(5) شاۋقۇننى پەسەيتىدۇ
گۈل - گىياھلارنىڭ شاۋقۇن پەسەيتىش رولى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شاۋقۇن دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ تەرتىپسىز ھالدا ئاۋاز قايتۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلىشىپ بارىدۇ. ئادەتتە 40 مېتىر كەڭلىكتىكى ئورمانلىق بەلۋېغىدا شاۋقۇننى 15~ 10 دېتسىبېل، 30 مېتىرلىق ئورمانلىق بەلۋېغىدا 8~ 6 دېتسىبېل پەسەيتكىلى بولىدۇ. يوللارنى كۆكەرتىش ئارقىلىقمۇ شەھەر قاتنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان شاۋقۇننى پەسەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، شەھەر كۆكەرتىشنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش زۆرۈر
نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر كۆكەرتىش ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز شەھەر كۆكەرتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى بىرقەدەر كېيىن باشلانغانلىقتىن، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى تونۇش ۋە ئېتىبار يېتەرلىك بولمىدى. بۇ ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ يېتەرسىزلىكى، شەھەر كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلىشى، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، شەھەر باغ - ئورمان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تېخنىك خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
1. كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇشنى يۈرگۈزۈش
كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى ئىلمىي باھالاشقا مۇھتاج، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى تىكىلگەن گۈل - گىياھلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ياكى تۇتۇش نىسبىتى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سورت ۋە ئوخشاش بولمىغان باھادىكى كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۈل - گىياھلار تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتسە ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن كېسىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئومۇمەن تولۇقلاپ تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان يېشىللىق كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ. شۇڭا شەھەر يېشىللىق كۆلىمىنى ساقلاپ، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆز رايونىنىڭ كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان گۈل - گىياھ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغان شەھەر كۆكەرتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
2. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاگاھ مېخانىزمى ۋە سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش
ئېلىمىزدە كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى تېخىچە بارلىققا كەلمىدى. نۆۋەتتە، مۇھىتنى كۆكەرتىش شەھەر قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇڭا كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە، مۇۋاپىق بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل بىخەتەرلىك ئاگاھ سىستېمىسىنى قۇرۇش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى ۋە خەۋپ - خەتىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە كونترول قىلىپ، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆكەرتىش ساھەسى ۋە يېشىللىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرگە قارىتا ئەتراپلىق ۋە ئاقىلانە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق كونترول قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. پەقەت ئىلمىي بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، تېخىمۇ تېجەشلىك ھالدا كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
3. ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش
كۆكەرتىش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇنلۇق ۋە كېچىكىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، خەۋپ - خەتەر كۆرۈلگەن ھامان ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا شەھەر كۆكەرتىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، قانۇن، بەلگىلىمە ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمەتلىرى تەرتىپىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئورمانلىق گۈل - گىياھلىرى داۋاملىق ئاسراپ باشقۇرۇلغاندىلا، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ ۋە ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ. باشقۇرۇش باغ - ئورمان گىياھلىرىنى داۋاملىق ئاسراشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، كۆكەرتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پايدىلانمىلار:
[1] «جۇڭگو باغ - ئورمىنى»[J]
2012 - يىللىق سانلار، خەنزۇچە
[2] «كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى»[J]
2012 - يىللىق سانلار، خەنزۇچە
ئاپتورى: توختىخان غېنى
(بايىنغۇلىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى،841900 )