سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

0 2013-12-20 01:27:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  نۆۋەتتە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرنىڭ سۈپەتنى نازارەت قىلىش تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشنى پەقەت سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئۆز ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن، سۈپەت نازارەتچىلىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرغان، سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ ئىلمىلىقىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم:
  1. سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش لازىم
  بىر تەرەپتىن، خادىملارغا قارىتا تەشۋىق ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈش لازىم. سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دەريا - ئېقىنلاردا ئىشلىنىدىغان بولغاچقا، قۇرۇلۇش سۈپىتى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى شۇ رايوندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، تەشكىلىي تۈزۈم جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۈپەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۈپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشىنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم.
  2. سۈپەت نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ نوپۇزى، مەجبۇرلاشچانلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئاشۇرۇش لازىم
  سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سۇچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قانۇنىي فۇنكسىيەسى. سۈپەت نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش فۇنكسىيەسىگە ئىگە ئاپپارات بولۇپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن ئاپپاراتلارنىڭ خاراكتېرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. سۈپەت نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلارنىڭ خاراكتېرى مەسىلىسى سۈپەت نازارەتچىلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن، سۈپەت نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنى دۆلەت مەمۇرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ۋە ياكى راسخوتى مالىيەدىن تولۇق چۈشۈرۈلىدىغان، مەمۇرىي فۇنكسىيەلىك كەسپىي ئورۇن قىلىنىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى سۈپەت نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ خاراكتېرى مەسىلىسى ۋە راسخوت مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  3. سۈپەت نازارەتچىلىكى خادىملىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم
  سۈپەت نازارەتچىلىكى خادىملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۈپەت نازارەتچىلىكى خادىملىرىنى سەپلەش ۋە مۇناسىپ كونكرېت سالاھىيىتى (كەسىپ ئايرىمىسى، خىزمەت مۆھلىتى، كەسپى ئۇنۋانى قاتارلىقلار) نى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە تەربىيەلەش ۋە سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى يولغا قويۇش لازىم. خىزمەت داۋامىدا گۇۋاھنامىلىق ئىش ئورنىغا چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى خادىملىرىغا بولغان ئۈزلۈكسىز مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈش لازىم.
  4. سۈپەت نازارەتچىلىكىگە دائىر بىر يۈرۈش قائىدە - تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم
  قائىدە - تۈزۈم قۇرۇلۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل باشقۇرۇش مېخانىزمى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سۈپەت نازارەتچىلىكىگە دائىر قائىدە - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە ئۇنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىقتىدارى، تۈرى ۋە كۆلىمىگە ئاساسەن، مەشغۇلاتچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۆلچەم بېكىتىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.
  5. قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم
  سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى سۈپەت ئەمەلىي گەۋدىسىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ئۇنى پىروگراممىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش باشلاشقا رۇخسەت قىلىش لازىم.
  6. قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ ئىلمىيلىقى، توغرىلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم
  قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆلچەش − قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ لايىھەدىكى تەلەپكە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى باھالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. شۇڭلاشقا سۈپەتنى نازارەت قىلىشتا، سۈپەت ئۆلچەشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي گەۋدىنىڭ سۈپىتىنى قەرەلسىز تۈردە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۈپەت نازارەتچىلىكىنىڭ ئىلمىيلىقى، توغرىلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش رولىنى ئويناپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ توغرا باھا بېرىش مەقسىتىگە يېتىش لازىم. سۈپەت نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ئىچىدە سۈپەت ئۆلچەش مەخسۇس راسخوتى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

      ئاپتورى: رىسالەت ئابدۇشۈكۈر
    (ئاتۇش شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى، 845350)

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر