كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە جوڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن تېكىستلەر چوڭقۇر ئىدىيىۋىلىككە ھەم كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بەدىئىيلىككە ئىگە. دەرسلىكتىكى بىر قىسىم تېكىستلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارلاق غايىسىنى، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى ۋە ساغلام بولغان گۈزەللىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قەدەممۇقەدەم توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. شۇڭا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزىملىق، پەننى سۆيۈش، بىلىمنى قەدىرلەش، كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ئاددىي - ساددا ياشاش تەربىيەسىنى چوڭقۇر سىڭدۈرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
1. بىرەر ئەسەرگە ئۆتمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن شۇ ئەسەرنى يازغان يازغۇچىنىڭ ئىش - پائالىيىتى، ياشىغان مۇھىتى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلانى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلىش كېرەك. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن يازغۇچىلار ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشى، يازغۇچى ياشىغان مۇھىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار جاپا - مۇشەقەتكە چىداپ ئۆگىنىش توغرىسىدا يۈكسەك ئىرادە بولغاندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقلاردىمۇ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپىي قابىلىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2. ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، روسىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ھىكايە يازغۇچىسى ئانتون پاۋلوۋىچ تىخوفنىڭ «خامىليون» ناملىق ھېكايىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسنى سۆزلىگەندە ساقچى نازارەتچىسى ئوچمىلوفنىڭ زەرگەر خىريۈكىنى ئىت چىشلىۋېلىش جەريانىدىكى ۋەقەلىكنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالتە قېتىم ئۆزگەرگەنلىكى، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغانلىقى، يۇقىرىغا خوشامەت قىلىپ تۆۋەننى باسىدىغانلىقىدەك ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل، ھەققانىي بولۇش، خاتالىق كۆرۈلگەندە دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.
3. تېكىستلەردە تەسۋىرلەنگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي ئوبراز ئارقىلىق تەربىيە بېرىش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئادەملەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ پىرسۇناژلىرى بولىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلىل قىلغاندا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستتە تەسۋىرلەنگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي ئوبرازلارنى خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بويىچە ئېنىق ئايرىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: «قوشنىلار» دېگەن تېكىستنى مىسالغا ئالساق، بۇنىڭدا جامى ۋە سالىدىن ئىبارەت ئىككى خىل پىرسۇناژ روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان. بۇنىڭدا جامى ئاچكۆز، پۇلخۇمار، مال - دۇنيانى جېنىدىن ئەزىز كۆردىغان، پۇل، بايلىق ئۈچۈن ھەرقانداق پەسكەشلىكنى قىلىشتىن يانمايدىغان ۋە ۋاسىتە تاللىمايدىغان ئاچكۆز كىشىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى. سالى بولسا ئاددىي - ساددا، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل - پاراسەت، ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان، خەلقنى ئويلايدىغان، ئەل سۆيەر دېھقانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. شۇڭا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ تەرەپلەرنى چۈشەندۈرگەندە ئىجابىي پىرسۇناژلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۆگىنىش ھەم ئۆزىدە شۇ خىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، سەلبىي پىرسۇناژلاردىن نەپرەتلىنىش، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ دورىماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.
ئايگۈل ئىمىن
(تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپى،8380000)