ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموۋ يېقىندا تاشكەنت زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. كەرىموۋ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە قايىل، مەن جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. بىز رەئىس شىجىنپىڭنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا ئۆز بېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا تەقەززامىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو - ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 12 يىل مابەينىدە، ئىككى دۆلەت ھەمراھ، ياخشى دوست بولۇپ كەلدى. ئىككى تەرەپ رەئىس شىجىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستانغا زىيارەتكە كېلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە ماسلىشىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ئاتا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بۇ يىل تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇڭلىلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.