رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بېلىياكوف مۇنداق دېدى:«سانت پېتىربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى 22 - ئىيۇن ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىلدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە مۇددىئانامە قوشۇلۇپ، جەمئىي 102 كېلىشىم ئىمزالاندى. كېلىشىمگە چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 9 تىرىليون 600 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ، بۇلتۇرقى 310 مىليارد رۇبلىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى».
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 21 - ئىيۇن بۇ مۇنبەرگە قاتناشقاندا دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق فوندىدىن 450 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئاجرىتىپ دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيەنىڭ شۇ يەرلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى:«بۇ قۇم چېچىپ مەرۋايىت ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى رۇسىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ».
پۇتىن مۇنداق دېدى: «بۇ مەبلەغ نۇقتىلىق ئۈچ جەھەتكە ئىشلىتىلىدۇ: (1) موسكۋادىن قازانغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تۈرى. بۇ لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇشى موسكۋا سىياسىي مەركىزى بىلەن ئۇرال ئىقتىساد رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ (2) موسكۋا مەركىزى ھالقىسىمان يولىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن موسكۋا ۋە پۈتۈن موسكۋا ئىشتاتىدىكى ئاھالىلەرگە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيەنىڭ ياۋروپا قىتئەسى بۆلىكىدىكى بارلىق ئەشيا ئوبوروتى شارائىتى ئۆزگەرتىلىدۇ؛ (3) سىبىرىيە چوڭ تۆمۈر يولىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرى. پىلانلانغان تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ياۋروپا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەقىقىي مۇھىم قاتناش تۈگىنىگە ئايلىنىدۇ». پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: «رۇسىيە شارائىت يارىتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنى جەلپ قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى بىر قانچە يىلدا ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىدە چەكلىمىنى ئازايتىپ، تۈرلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ».