پۇتىن خامچوت خىزمىتىدىكى سەككىز ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى

0 2013-12-17 21:15:03   <<ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى>>   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا كرېمل سارىيىدا خامچوت ھەققىدە دوكلات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ 2014 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە بولغان خامچوت سىياسىتىدىكى سەككىز ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى:«ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىدۇ ھەمدە كەلگۈسى 3 ئاي ئىچىدە 2030 - يىلىغىچە بولغان خامچوت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى تەڭشەيدۇ».
  پۇتىن مۇنداق دېدى:كەلگۈسى 3 يىلدا، ئالدى بىلەن خامچوت سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  پۇتىن خامچوت چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىشەنچلىك ۋە ئۇزاق مۇددەت تەڭپۇڭ بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، باج تۈزۈمىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خامچوت ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىنىڭ ئاشكارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق سەككىز ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر