قىرغىزىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 15 - ئىيۇل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەزكۇر رايون ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قاتار شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرنى ئىمزالاش ئارقىلىق، باشقا ساھەلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكىنى ياخشى قوغداش ئاساسىدا، بىرىنچى، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئالاقىلىشىشتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىك جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، مەزكۇر رايوندىكى ھەر قايسى ئەزا دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەل رايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.
قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېۋ 15 - ئىيۇل پايتەخت بېشكەك پارلامېنت بىناسىدا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان جۇڭگونى ئىشەنچلىك دوست ۋە ھەمراھ دەپ قارايدۇ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستانغا زور ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېلىشىگە تەقەززامىز، بىز مۇشۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق يېڭى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: »جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللاپ ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىشىغا پائال ماسلىشىدۇ.