جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېۋە - چېۋە سودىسى گۈللەندى

0 2013-12-17 11:19:31   <<ئوتتورا ئۇچۇرلىرى>> ژۇرنىلى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئىمپورت - ئېكسپورت سودا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سورال 7 - ئىيۇل تاجىكىستانغا يول ئالدى. سورالنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور، چۈنكى ئۇ بۇ قېتىم تاجىكىستانغا گىلاس قاتارلىق مېۋە مەنبەسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ماڭدى.
  سورالنىڭ شىركىتى قۇرۇلغىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى. ئۇ ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۈرۈمچىگە قايتقۇچە شۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدە مەھسۇلاتىدىن ئالغاچ كېلەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز مېۋە - چېۋە ماكانى بولسىمۇ، گىلاسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېھتىياجنى قامدىيالمىغاچقا، بازاردا سېتىلىۋاتقان گىلاسلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شەندۇڭ، شەنشى، گەنسۇ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنەتتى. ئۈرۈمچى بىلەن ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىنراق بولغان گەنسۇدىن گىلاسنى ئۈرۈمچىگە ئايروپىلاندا يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئۈچ سائەت كېتەتتى، بىراق تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىشكە ئىككى سائەتلا كېتىدۇ.
  گىلاس ئادەتتە ساقلاش تەس بولغان مېۋە بولغاچقا، ئۇنى تاجىكىستاندىن كىرگۈزگەندە تەننەرخى ئەرزان ۋە يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سورالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئىمپورت - ئېكسپورت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كۆپ مىقداردا گىلاس كىرگۈزگەن. جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىستېمال بازىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قوغۇن، ئانار، گىلاس قاتارلىق مېۋىلەرنى كىرگۈزۈشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى كۈنسېرى كۈچەيتكەن. دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى 8 - مايدىن 16 - مايغىچە ئۈچ مۇتەخەسسىسنى تاجىكىستانغا ئەۋەتكەن. 20 - ماي تاجىكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى راھمان جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، تاجىكىستاننىڭ جۇڭگوغا گىلاس چىقىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان.
  تاجىكىستانغا تەكشۈرۈشكە بارغان مۇتەخەسسىس بىلالىدىننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىنىشچانلىقى بار زىيانلىق جانلىقلارنىڭ گىلاس بىلەن تەڭ چېگرىدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ئىمپورت قىلىنغان گىلاستا كارانتىن قىلىنشچانلىقى بار زىيانلىق جانلىقلار بايقالسا ياكى جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەھىيە ئۆلچىمىگە يەتمىسە، بۇ تۈركۈم ماللار قايتۇرۇۋېتىلىدىكەن، كۆيدۈرۈپ يوقىتىلىدىكەن ياكى باشقا خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا توختىتىش تاكى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن«.
  سورالنىڭ شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئىمپورت شىركىتى 21 - ئىيۇن 2.5 توننا گىلاسنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 50 يۈەندىن توپ سېتىشنى پىلانلىغان، بىراق ئەينى ۋاقىتتا بازاردا گىلاسنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 80 يۈەنگە چىققان بولۇپ، بازاردا گىلاس قىس بولغاچقا، بۇ گىلاسلار بازارغا سېلىنماي تۇرۇپلا تۈگەپ كەتكەن. خېرىدارلار بۇ قېتىم ئىمپورت قىلىنغان گىلاسنىڭ تەمىنىڭ تاتلىق ۋە يېڭى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تاجىكىستاندىن جۇڭگوغا كىرگۈزۈلگەن گىلاس دېڭىز يۈزىدىن 1800~1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جىلغىلاردا ئۆستۈرۈلگەن گىلاس دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسى، شۇنداقلا بۇ گىلاسلارغا ھېچقانداق خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن ئورگانىك گىلاس بولغاچقا، ئېتى گۆشلۈك، شىرنىلىك، تەمى تاتلىق ئىكەن.
  تاجىكىستاننىڭ گىلاسنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئانار، لىمون قاتارلىق ئىللىق بەلباغلاردا پىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا مېۋىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرگۈزۈلۈشى بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرى يەرلىكتە زاۋۇت قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق توشۇشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مېۋىلىرى كۆپ مىقداردا شىنجاڭ بازىرىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىللىق بەلباغ مېۋە بازىرى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدىكەن. شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋىلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدىكى ئوخشاشلىق شىنجاڭنىڭ مېۋە سودىسىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق؟ دېگەن مەسىلە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويلاندۇردى. ئىستاتىسىتىكا نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈزۈم، قوغۇن، ئۆرۈك، شاپتۇل، نەشپۈت ۋە باشقا قۇرۇق مېۋىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رىقابەت ئىقتىدارى بار مېۋىلەر ئىكەن.
   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد - سودا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ما خۇيلەننىڭ دېيىشىچە، گەرچە بۇ مېۋىلەر شىنجاڭدىن چىقىدىغان مېۋىلەر بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىكەن، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ مېۋىلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا توشۇلۇشى قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۈگۈنكى »مېۋە - چېۋە يىپەك يولى« بۇ قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر