شېنجېندىكى بىر بازاردا ئوت كېتىپ 15 ئادەم قازا قىلدى

02013-12-12 10:12:35   news.sina.com.cn    admin
T|T:خەت رەزمىرى

 


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11- دېكابىردىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت بىردىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجېن شەھىرى نۇرلۇق يېڭى رايونى گۇڭمىڭ ئىش باشقارمىسى گېنجۇيۈەن مەھەللىسىدىكى رۇڭجيەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھازىرغا قەدەر ئاپەتتە 15 ئادەم قازا قىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپەتتە ئوت كۆيگەن كۆلەم 1000 كۋادرات مېتىردىن ئاشقان، ئوت ئاپىتى سەھەر سائەت ئۈچ ئەتراپىدا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان. ھازىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر