ئەيسا پەيغەمبەرنى دوراپ 50 جىڭلىق كرىستنى 26 يىل يۈدۈپ دۇنيانى ئايلىنىپ چىققان ئەر

0 2013-12-04 11:26:12   news.163.com    admin
T|T:خەت رەزمىرى

خارمون ھىندىستاندا كىشىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

خارمون كىرىست جازىسىنى يۈدۈپ، نېپالدىكى بىر كەنتكە باردى.

جۇڭگو ئاخبارات تورى 4 – دېكابىر تېلېگراممىسى  چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرى: ئەنگىلىيەلىك 61 ياشلىق بىر ئەر 25 كىلوگراملىق كرىست جازىسىنى يۈدۈپ پۈتكۈل ئەنگىلىيەنى ئايلىنىپ چىققان، ھەتتا تېخىمۇ يىراق بولغان بېنگال، ھىندىستان، سرىلانكا قاتارلىق جايلارغا بارغان، 26 يىلدا جەمئىي 8000 كىلومېتر يول باسقان.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى خارمون، كەسپى بولسا بىر داۋالاش كۈتكۈچى خادىمى. ئۇ يۈدۈۋالغان كرىست جازىسى ياغاچتىن ياسالغان، ئاستى تەرىپىدە چاقى بار. ئىگىلىنىشىچە، خارموننىڭ كرىست جازىسىنى يۈدۈپ يۈرۈشىدىكى مەقسىتى دوستلىرىغا «ئۆزىنىڭ غايىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى» نى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئەيسا پەيغەمبەر بۇرۇن كىرىستقا مىقلانغان.
خارمون مۇنداق دېدى، دەسلەپتە ئۇ كىرىست بەلگىلىك جازىنى يۈدۈپ، شوتلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن پلىموۋتقا بارغان، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن پلىموۋتتىن لوندونغا كەلگەن، ئارقىدىنلا ئېرلاندىيە، بېرلىن، موسكۋا، پارىژ، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق يەرلەرگە بارغان، يەنى ياۋروپانىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئايلىنىپ چىققان.
خارمون مۇنداق دېدى، بۇ كرىست بەلگىلىك جازا ئۇنىڭ ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەر بىلەن تۇنجى ئالاقە قىلغاندىكى «قورالى» بولۇپ قالغان، «كىشىلەر مېنى كۆرۈپ توختىشىدۇ، مەن بىلەن سالاملىشىدۇ، ئۇلار ماڭا بەكمۇ قىزىقىشتى».
ئەلۋەتتە بۇ چوڭ نەرسىلەرنى يۈدۈپ چەت خىلۋەت جايلاردا مېڭىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. خارموننىڭ پۇتلىرى قاپىرىپ كەتكەن، بېنگالدا پۇت بارماقلىرى يارىلانغان، بىراق بۇلار ئۇنىڭ ئالغا بېسىش قەدىمىنى توختىتالمىغان.
خارمون يەنە ئافرىقا، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ، داۋاملىق مۇشۇ كىرىست جازىسىنى يۈدۈپ يول ماڭىدىغانلىقى، تاكى ئۇ ماڭالمىغۇدەك بولغۇچە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر