خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : 12- ئاينىڭ 3- كۈنى ، بىلگىيە Zonnebeke-Beselare دىكى E19 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، تەخمىنەن 40 تىن 50 كىچە ئاپتوموبىلى ئۆز - ئارا سوقۇلغان ، بىر ئادەم قازا قىلغان . ۋەقەنىڭ سەۋەبى قۇيۇق تۇمان سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ، A19 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قول لىنىيە بويىچە مەجبورى تاقالدى .
خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : گىرمانىيە " ئەينەك ھەپتىلىك گېزىتى " نىڭ 3- دىكابىردىكى خەۋىرىدە ، شۇيەر ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3- كۈنى ، بىلگىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قۇيۇق تۇمان سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئاپتوموبىللار سوقۇلۇپ كەتكەن . نۆۋەتتە ۋەقەدە بىر ئادەم قازا قىلىپ ، 60 تىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان ؛
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، 1- قېتىملىق ۋەقە بىلگىيەنىڭ Westflandern ئۆلكىسى Zonnebeke ئەتراپىدىكى E19 تاشيولىدا يۈز بەرگەن ، فىرانسىيە چېگراسىغا يېقىن جايغا توغرا كىلىدۇ ، يۈز بەرگەن ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 لاردا يۈز بەرگەن . كېيىنلا 2- قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . كېيىن قارش يۈنىلىشتىكى يولدا 3- قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . ئۈچ قېتىملىق ھادىسىىدە تەخمىنەن 130 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل زەنجىرىسمان سوقۇلغان ؛
كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ، پەقەت بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل كەينى - كەينىدىن سوقۇلغان . ۋەقەگە ئۇچرىمىغان شوپۇر مۇنداق دىدى :" مەن يولدا كېتىۋېتىپ خۇددى ۋەقە يۈز بېرىدىغاندەك ، قۇيۇق تۇمان ئىچىدە ئىھتىيات بىلەن ھەيدىگەن ، بەخىتكە يارىشا ھادىسىگە ئۇچرىمىدىم " .
Westflandern ئۆلكىسى 400 ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتتى .E19 تاشيولى ئىككى يۈنىلىش بويىچە تاقالدى . ۋەقەدە يارلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى ؛