روسىيەنىڭ يولۇچى ئايروپىلانى پارتلاپ50ئادەم قازا قىلدى

0 2013-11-19 11:29:43   ئىنتېرنېت   admin
T|T:خەت رەزمىرى

 

 ئۈلۈشكۈن يەنى 17-چىسلا كەچتە، تاتارىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ موسكۋادىن قازانغا قاراپ ئۇچقان بىر بوئېن 737-500تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى، قازان خەلقئارا ئايرۇپورتىغا قونىۋاتقان ۋاقىتتا پارتلاپ كېتىپ، ئايرۇپىلاندىكى 44 نەپەر يولۇچى ۋە ئالتە نەپەر ئايرۇپىلان خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، تاتارىستان جۇمھۇريىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مېننىھانوۋنىڭ چوڭ ئوغلى ئېلىك مېننىھانوۋ ۋە روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تاتاررىستان جۇمھۇرىيىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندېر ئانتونوفمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا قازا قىلغان.

 روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 18-نويابىر سەھەردە، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ كېچىلەپ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇستەم مېننىھانوۋقا تېلگىرامما يوللاپ، مېننىھانوۋنىڭ ئوغلىنىڭ قازان ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىغا ماتەم بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

 تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى 18-نويابىرنى ماتەم كۈنى دەپ جاكارلىغان.

پۇتىن مېننىھانۇۋ بىلەن سۆزلەشكەندە، 17-نويابىر كەچتە قازان ئايرۇپورتىدا يۈز بەرگەن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، پۇتىن تېزدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. روسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پوجىكوف ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرى سىتېپانوۋ مۇتەخەسىسلەرنى ئېلىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كېچىلەپ قازانغا يېتىپ بارغان، جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت كومىتىېتى ئەزالىرىمۇ قازانغا يېتىپ كەلگەن.
ۋەقەگە ئالاقىدار تاتارىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نۆۋەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ. تاتارىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى گېنىيە تۇرىننىڭ تەرجىمھالى شىركەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېتىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەن، ئەمما ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تەرەپ، گېنىيە تۇرىننىڭ ھازىر يەنىلا قازان ئايرۇپورتىدا ۋەقەنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەق مەيداندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايرۇپىلاننىڭ گەۋدىسى ئېغىر دەرىجىدە پارچىلىنىپ كەتكەن، گەرچە پارتلاش ئۇچۇش يولىغا پەقەت نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قارا قۇتا ھازىرغىچە تېپىلمىغان.

ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئائىلىسى ئۈچ مىليۇن روبلى (تەخمىنەن 92 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى) سۇغۇرتا تۆلىمى ۋە نەپىقە پۇلىغا ئېرىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەقەگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ سۇغۇرتىسىنى ئۈستىگە ئالغان روسىيە “СОГАЗ”سۇغۇرتا شىركىتى، ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ئىككى مىليۇن روبلى تۆلەيدىكەن، تاتارىستان جۇمھۇريىتى ھۆكۈمەت فوندى ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بىر مىليون روبلى نەپىقە پۇلى بېرىدىكەن.

17-نويابىر كەچتە، تاتارىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ موسكۋادىن قازانغا قاراپ ئۇچقان بىر بوئېن 737-500تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى، قازان خەلقئارا ئايرۇپورتىغا قونىۋاتقان ۋاقىتتا پارتلاپ كېتىپ، ئايرۇپىلاندىكى 44 نەپەر يولۇچى ۋە ئالتە نەپەر ئايرۇپىلان خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، تاتارىستان جۇمھۇريىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مېننىھانوۋنىڭ چوڭ ئوغلى ئېلىك مېننىھانوۋ ۋە روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تاتاررىستان جۇمھۇرىيىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندېر ئانتونوفمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا قازا قىلغان.

رۇسىيە تاتارىستان ئاۋىياتسيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى 17-نويابىر كەچ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا غەربىدىكى قازان شەھىرىدە چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 50 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .

رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش ئىدارىسى تەمىنلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا ، بۇ ئايروپىلان موسكۋا ۋاقتى سائەت 19:25 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:25) دە قازان ئايرودۇرۇمىدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 44 نەپەر يولۇچى ۋە ئالتە نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .

رۇسىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى IrinaRosius نىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئايروپىلان موسكۋا دومودېدوۋو ئايرودۇرۇمىدىن قازان شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ ، قازان ئايرودۇرۇمىدا كۆپ قېتىم يەرگە قونماقچى بولۇپ قونالمىغان ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىناپ قونۇش جەريانىدا ، ئايروپىلان يەرگە سوقۇلۇپ ماي باكى پارتلاپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قازان ئايرودۇرۇمى ۋاقتىنچە تاقالغان .

رۇسىيە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ باياناتچىسى Vladimir Malkinنىڭ ئېيتشىىچە ، مەشغۇلات توغرا بولماسلىق ، تېخنىكىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ۋە ھاۋارايى بۇ قېتىمقى ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .

موسكۋا دومودېدوۋو ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان رۇسىيە تاتارىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ U9-363 نۆۋەتلىك ئايروپىلانى ئىكەن .

رۇسىيە زۇڭتۇڭ باياناتچىسى PerSkov نىڭ تاراتقۇلارغا ئېيتشىچە ، زۇڭتۇڭ پۇتىن ھۆكۈمەتكە قازان شەھىرىدىكى ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇشنى تاپشۇرغان ۋە قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن .

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، ئەلچىخانا نۆۋەتتە ھادىسىدە قازا قىلغانلار ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر