مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

25 2013-08-05 11:02:34   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


 

    مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇللا . فاتاخ . سەيىش
     ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  ئابدۇللا . فاتاخ . سەيىش تۈنۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، مىسىرنىڭ خەلق رايىنى ھۆرمەت قىلمىدى دېگەن.
     «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلا سەيىشنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىنغان ۋاقىتتا سەيىش : «سەن مىسىر خەلقىنى ئايرىۋەتتىڭ، سەن مىسىر خەلقىنى تاشلىۋەتتىڭ، ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ، ھازىرمۇ سەن داۋاملىق مىسىر خەلقىنى تاشلىۋېتىشنى خالامسەن؟» دېگەن
. 
       ئالدىنقى ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جورجى . لىتىرنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مىسىرنى
F-16 تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن تاشقى دۇنيا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى مىسىرنى جازالىغانلىق دەپ قارىغان.
       سەيىش زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى ۋەكىلى بوئىنس قاھىرەدە زىيارەتتە بولغان. تاشقى دۇنيانىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئاشكارىلىشىچە، بوئىنس زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزراتقان، پەرەز قىلىش ئاساسلانغاندا، 4-چېسلا ئۇ سەيىش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن
.
      بۇ بولسا بوئىنىسنىڭ ئىككى ئايدىن بۇيان 2-قېتىم مىسىرنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىل 7-ئايدىكى زىيارەتتە، بوئىنىسنىڭ زىيارىتى نۇرغۇن مىسىر ئەمەلدارلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭدىن مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدىكەن
.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博