« سۇ پەرىسى بۇۋاق»

21 2013-08-05 11:01:53   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

28 ياشلىق ۋۇخەنلىك ھامىلدار ئايال ھامىلدار بولغىلى 26 ھەپتىدىن ئاشتى ، قورسىقى بولسا باشقا ئادەتتىكى ھامىلدار ئاياللاردىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كىچىك، دوختۇر ئۆلچەم بۇيىچە قورساقتىكى ھامىلىنى بېشىدىن باشلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تەكشۈرۈپ تۆۋەنكى قورساق قىسىمىغا كەلگەندە نورمالسىزلىق ھېس قىلدى، " شۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم، قايتا- قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن جەزىم قىلدىم، بالىنىڭ ئاشقازان پۈۋەكچىسى ، قوش بۆرىكى، ھەتتا كۆپىيىش سېستىمىسى قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى يوق، ئىككى پۇتىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ نورمال ئەمەس، ئىككى پۇتى تۇتاش بۇلۇپ بىرلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ بۇ ئادەم بېلىق بىرلىشىش كېسەللىك ئالامىتى.

ئامىرىكىدىكى داڭلىق " سۇ پەرىسى" كىچىك قىزچاق شالىلومۇ مۇشۇنداق غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ھايات كەچۈرۈپ 10 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، 2009 يىلى 10 ئاينىڭ 23 كۈنى قازا قىلدى.

1988 يىلى، ئامىرىكا فىلورىدادا ئەمدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان TIFFANY YORKS، ئۇمۇ تۇغۇلۇپلا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى تۇتىشىپ كەتكەن ، بىللە ئۆسىدۇ.

بىر 9 ئايلىق بولغان قىز بوۋاق تۇغۇلىشىدىنلا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئىنتايىن يېقىن بۇلۇپ، يول مېڭىشمۇ تەسكە توختايدۇ، 2 ئاينىڭ 24 كۈنى بۇ قىزنىڭ ئىككى پۇتىنى ئايرىش ئوپراستىيىسى قىلدۇردى.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر