كورىيەلىك ئايال ئاۋىستىرالىيەلىك پالەچ ئېرىنىڭ پۇلىنى ئالداپ كەتتى

4 2013-08-05 11:01:42   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 ئاۋسترالىيە " تىز خەۋەرلەر" نىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، كورىيەلىك يېڭى كېلىن ئاۋېستىرالىيلىك ئېرىنىڭ ئۈچ مىليون 100 مىڭ ئاۋسترالىيە پۇلى (تەخمىنەن 16 مىليون 935 مىڭ 700 يۈەن خەلق پۇلى) نى ئالداپ ئېلىپ قاچتى دەپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئۇ يېڭى كېلىنچەك بۇ قانۇنسىز پۇللارنى زور مىقداردىكى قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان.
ئاۋسىتىرالىيە بۇلۇسبان سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن كورىيىلىك يېڭى كېلىن قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن بەش تۈرلۈك جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىنغان، بىراق ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ قەرزنى تۆلەپ بېرىش دوكلاتنى رەت قىلغان. 
بۇ يېڭى كېلىنچەكنىڭ ئىسمى كۇموك . ۋاڭ بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن" X ئايال " دېيىلگەن. ئۇ كېلىشىمغا ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يېڭى كېلىنچەك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كۇموك . ۋاڭنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئېرى ئاللىقاچان 80-90 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ياشانغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بۇ ئىككىيلەن كورىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئارقىلىق تونۇشقان. ئاۋسترالىيە كۇنشىلان شتاتى بۇ ياشانغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما ئاۋسترالىيە قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇموك . ۋاڭنىڭ ھېچقانداق بىر ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. 
كۇموك . ۋاڭ ئېرىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپلا قالماي يەنە، ئۇنىڭ پۇلىنى كورىيىگە يۆتكەپ كەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، كۇموك . ۋاڭ بۇ پۇللارنى كورىيە پۇلىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بىكارلىق ئىقتىساد مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ قالىدىكەن.
ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، كۇموك . ۋاڭ ئېرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن 2011-يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كورىيە ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۈچ قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئېرى كۇموك . ۋاڭ بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم سەكتە بولۇپ قېلىپ قىسقا مەزگىللىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博