شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2- ئاۋغۇست تېلگراممىسى . ئەنگلىيە " قۇياش گېزىتى " نىڭ خەۋىرىدە ، شۇ يەر ۋاقتى 1- ئىيول ئامېرىكىدىكى جىنسىي جەھەتتىن قۇل قىلىش دىلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى ئارىيال . كاستىرو ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ 1000 يىلغىچە قۇيۇپ بېرىلمەسلىك ھۈكۈمى چىقىرىلدى . قارار ھۈكۈم چىقىرىلىشتىن بۇرۇن بىر نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇنىڭغا قىلغان شىكايەتتە مۇنداق دەپ يازغان :" ئۇنى ئۈمۈرلۈك تۈرمىدە يېتىشقا ھەتتا ئۆرۈلۈپ يېتىشقىمۇ رۇخسەت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلمەن " .
پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان ئوخايو ئىشتاتى كالەۋېلەند جىنسىي قۇل قىلىش دىلوسىغا 26- ئىيول سوت ئېچىلىپ يېڭىچە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى ، ئۈلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان جىنايەت گۇماندارى ، 3 نەپەر قىزنى 10 يىل تۇتقۇن قىلىش ، سۇلاپ قۇيۇش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن جىنايەت گۇماندارى ئارىيال . كاستىرو ( ArielCastro ) شۇ كۈنى سوتتا گۇناھىنى ئىقرار قىلدى ، ئۇ قالغان ئۈمىرىنى ئۆتكۈزدىغان باشقا يەنە1000 يىللىغىچە تۈرمىدىن چىقىشى مەنئىي قىلىندى ؛
ئارىيال . كاستىرو 977 جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى ، ئۇ تۇتقۇن قىلىش ، جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش ، مەجبۈرى بالا چۈشۈرگۈزۈش ، زوراۋانلىق قىلىش ، ئادەم يارلاندۇرۇش ، قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قانۇنسىز قۇرال ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى . بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان . 26- ئىيول ، جىنايتىنى تۇنۇش كىلىشىمناسى بويىچە 937 تۈرلۈك ئەيىبلەشنى قۇبۇل قىلدى ، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۈلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ جىنسىي جەھەتتىن مەسلىسى بار ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن بۇرۇن جىنسي جەھەتتىن خورلاشقا ئۇچراپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارلىدى .
سوتچى مايكول . روسسو ( MichaelJ.Russo ) جىنايەت گۇماندارى ئارىيال . كاستىروغا مۇنداق دىدى :" سەن ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنشىتىن باشقا يەنە 1000 يىلغىچە تۈرمىدىن ئايرىلىشىڭغا رۇخسەت يوق "
53 ياشلىق كاستىرو مۇنداق دىدى : مەن ئۆزەمنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىمىغا ئىشەنمەيمەن ، چۈنكى مەن تۇتۇلغان چاغدا ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرى مېنى سوراق قىلغاندا بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن " .
كاستىرو جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ، ئۈچ نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئادۋۇكاتى ئاخىرى " ئۇھ " دىدى . ئۇلار بايانات ئېلان قىلىپ : زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاماندا بەررى AmandaBerry ، گىنادا GinaDeJesus) ۋە مېچىلل MichelleKnight بۈگۈن ئاخىرى كۆڭلى تىنجىدى ، ئۇلار بۇ قېتىمقى سوت ھۈكۈمىگە ئىنتايىن قايىل ، ھەمدە قانۇنىي تەرىپلەرنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ؛


